ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
سەي كاۋىسى(菜瓜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    سەي كاۋىسى قاپاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، يۇمران سەي كاۋىسىنى تۇزلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساس قىلىنىدۇ؛ ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا قورۇما قورۇپ ياكى سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ، خام ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  菜瓜
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Luffa cylindrical
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—دىللېنىيە دەرىخ كەنجى سىنىپى—گۈلنەپشە ئەترىتى—كاۋا ئائىلىسى—قاپاق كەنجى ئائىلىسى—مائىر جەمەتى—قوغۇن ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   سەي كاۋىسى ياز كۈنلىرى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئەڭ ياخشى كۆكتات بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول؛ ھەر 100 گىرام سەي كاۋىسى تەركىبىدە، 18 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 0.6 گىرام ئاقسىل، 0.2 گىرام ياغ، 3.9 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.4 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 3 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 20 مىكرو گىرام كاروتىن، 0.02 مىللىگىرام تىئامىن، 0.01 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 12 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 0.03 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 20 مىللىگىرام كالتسىي، 14 مىللىگىرام فوسفور، 136 مىللىگىرام كالىي، 1.6 مىللىگىرام ناترىي، 15 مىللىگىرام ماگنىي، 0.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.1 مىللىگىرام سىنىك، 0.63 مىكروگىرام سېلىن، 0.03 مىللىگىرام مىس، 0.03 مىللىگىرام مانگان قاتارلىقلار بار.
دورىلىق قىممىتى
   سەي كاۋىسىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئادەتتە سۈيدۈك ھەيدەش، ئسسىقنى ھەيدەش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئاشقازاننى پاكىزلاش، تۇمۇزنى ياندۇرۇش، قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ۋە ھاراق زەھىرىنى قايتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. ئەمما ئالاقىدا كىتابلاردا خاتىرلىنىشىچە، كۆزى ئاجىز كىشىلەر ياكى كۆزىدە كىسەللىكلەر بار بىمارلار سەي كاۋىسىدىن پەرھىز تۇتۇشى كىرەك ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号