ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۆلىتىمىزدە "ئەڭ قالتىس" ئاپتوبۇس لايىھەسى مەيدانغا كەلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىرقى زامانىۋى شەھەرلەردە، قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بىر ئىش بولۇپ قالدى. دۆلىتىمىز ئىنژىنىرلىرى بىر ئىجادى لايىھەنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق قاتناش قىستاڭچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە، پۈتۈنلەي يىڭىچە لايىھەلەنگەن بىر ئاپتوبوس تۇنۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ دەل ئاتالمىش "سىتىرولۇق تىز سۈرئەتلىك ئاپتۇبوس". بۇ خىلدىكى ئاپتوبۇسنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان شىركەت بولسا باتىيې پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بولۇپ، ئۇلار لايىھەلەپ چىققان بۇ ئاپتۇبوس بىر قېتىمدا 1200يولۇچى ئېلىپ ماڭلايدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئۇ يولدىكى ماشىنىلارنىڭ ئۈستى تەرپىدىن ماڭىدىغان بولۇپ، ماشىنا ئېقىمى ئاپتوبۇس ئاستىدىن ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ.
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە كۆرسىتىلگىنى، سىتىرولوق تىز سۈرئەتلىك ئاپتوبۇسنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىلى بولۇپ، مودىلدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئاپتۇبۇس مۇقىملاشتۇرۇلغان رىلىس ئۈستىدە ماڭىدىكەن، رىلىس بولسا يولغا قوراشتۇرۇلىدىكەن. لايىھەلىنىش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل ئاپتۇبوسنىڭ ئۇقۇمى، تىرامۋاي بىلەن ئاپتوبۇس ئارىلىقىدا بولۇپ، ئىنژىنىرلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل لايىھە يول بوشلۇقىنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەتتىكى ئاپتوبۇسلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل ئاپتوبۇس، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ياخشىلايدىكەن. باشقا خىلدىكى ئاممىۋى قاتناش سېستىمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەسىلەن، مىترو بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سىتىرولوق تىز سۈرئەتلىك ئاپتوبۇس يەنە تېخى تەننەرخنى تىجەپ قالالايدۇ.
    باتىيې پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش لىدىرى بەي جىمىڭنىڭ دىيىشىچە، سىتىرولۇق تىز سۈرئەتلىك ئاپتۇبۇس، بىر قېتىمدا 1200نەپەر يولۇچى ئېلىپ ماڭالايدىغان بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتە مىترو بىلەن ئوخشاش، ئەمما تەننەرخى مىترونىڭ بەشتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىكەن. ھازىرقى پىلانغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى ئاپتوبۇس، كىيىنكى يېرىم يىلدا چىنخۇاڭداۋ شەھرىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقىدىكەن. لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىجادچانلىققا ئىگە سىتىرولۇق تىز سۈرئەتلىك ئاپتۇبۇس قاتناش سېستىمىسى، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە مۇھىت ئاسراش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى ئىكەن. بۇ خىل ئاپتوبوس ئىلىكتىر قۇۋۋىتى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ، ئىلىكتىر قۇۋۋىتى بولسا ئاپتۇبۇسنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسىدىن كىلىدىكەن. بۇ ئاپتوبۇسنىڭ كەڭلىكى 7.8مىتىر، ئىگىزلىكى 4.6مىتىر، ئۇزۇنلۇقى 32مىتىر بولۇپ، ئىچكى قىسمىغا لىفىت ئورنىتىلغان؛ نوسخىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، لايىھەلىنىش جەھەتتىمۇ بەلگىلىك پەرق بار بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئېلىپ ماڭالايدىغان يولۇچى سانى1200بىلەن 900 ئارىسىدا ئىكەن.
    باتىيې پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى باش ئىنژىنىرى سۇڭ يوڭجوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان، ھىندىنوزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، بۇ خىل ئاپتوبۇسقا بولغان قىزىقىشىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى، 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە، گەرچە بۇ خىل سىتىرولوق تىز سۈرئەتلىك ئاپتۇبۇس سېستىمىسى تۇنجى بولۇپ، ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن؛ بىراق ئەينى ۋاقىتتا، ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقى يىتەرلىك يۇقىرى بولمىغاچقا، بۇ تۈر تەستىقلانمىغان. بىراق شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل ئاپتوبۇس لايىھەسى، 2010-يىللىق "دەۋر" ژورنىلى باھالاپ چىققان 50چوڭ كەشپىيات ئىچىگە كىرگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号