ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
كاللەكبەسەي(卷心菜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كاللەكبەسەي ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ يەنە كاپوستا، ئەجنەبىيلەر بەسىيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاللەكبەسەي قاتمۇ-قات كەلگەن يۇمىلاق شار شەكلىدە بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا تارىلىپ، 16-ئەسىردىن باشلاپ دۆلىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 卷心菜
خەنزۇچە باشقىچە ئاتىلىشى:  结球甘蓝
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—كىرىست گۈللۈكلەر ئەترىتى—كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسى—بىراسسىيە ئۇرۇقدىشى—گەنلەن
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100گىرام كاللەكبەسەي تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەندىكىچە:  ئىنىرگىيە 17 كىلوكالورىيە، ئاقسىل 1.5 گىرام، ياغ 0.1 گىرام، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى 3.20 گىرام، يىمەكلىك تالاسى 0.8 گىرام، ۋىيتامىن A 20 مىكروگىرام، كاروتىن 120 مىكروگىرام، تىئامىن 0.04 مىللىگىرام، رىبوفلاۋىن 0.05 مىللىگىرام، نىكوتىنىك كىسلاتا 0.6 مىللىگىرام، ۋىيتامىن C 31 مىللىگىرام، ۋىيتامىن E 0.76 مىللىگىرام، كالتسىي 50 مىللىگىرام، فوسفور31 مىللىگىرام، ناترىي 57.5 مىللىگىرام، ماگنىي 11 مىللىگىرام، تۆمۈر 0.7 مىللىگىرام، سىنىك 0.38 مىللىگىرام، سېلىن 0.49 مىكروگىرام، مىس 0.05 مىللىگىرام، مانگان 0.15 مىللىگىرام، كالىي 124 مىللىگىرام. بۇلاردىن باشقا كاللەكبەسەينىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن %90كە يىتىدۇ.
دورىلىق قىممىتى
   1. ياپونيىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كاللەكبەسەينىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن.
   2. كاللەكبەسەينىڭ فولىن كىسلاتا تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار ۋە قان ئازلىق كىسىلى بارلار كۆپرەك يەپ بەرسە پايدىلىق؛ ئۇندىن باشقا ئۇ ئاياللاغا نىسبەتەن مۇھىم بولغان ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش يىمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ.
   3. كاللەكبەسەي ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زوكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە راك كىسىلى بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇش كۆرسەتكۈچىنى ساقلايدۇ؛ كاللەكبەسەي راكقا قارشى تۇرىدىغان كۆكتاتلار ئىچىدە، كاللەكبەسەي بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
   4. يىڭى كاللەكبەسەينىڭ باكتىرىيە ئۆلتۈرۈپ ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، گال ئاغرىش، سىرتقى جاراھەت ئىششىپ ئاغرىش، ئاشقازان ئاغرىش ۋە چىش ئاغرىش قاتارلىقلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
   5. كاللەكبەسەي تەركىبىدە مەلۇم بىر خىل "يارا ئېغىزلاندۇرۇش فاكتورى بار بولۇپ، ھەر خىل تىپتىكى يارا كىسەللىكلىرىگە قارىتا ئۈنۈملۈك داۋالاش رولى بار.
   6. كاللەكبەسەينى كۆپ يەپ بەرگەندە، ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号