ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
غولسامساق(蒜薹)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   غولسامساق يەنە سامساق نوتىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، چوۋتەي سامسىقىنىڭ مايسىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى غولى قىسمى؛ غولسامساق كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان ئىنتايىن ياخشى ساغلاملىق ئۈنۈمىگە ئىگە كۆكتات تۈرىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  蒜薹
لاتىنچە ئاتىلىشى: galic bolt
تارقالغان رايونلار: تۈزلەڭلىك رايونلار
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—گۈلسامساق ئەترىتى—گۈلسامساق ئائىلىسى—پىياز ئۇرۇقدىشى—سامساق
 
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   ھەر 100گىرام غولسامساق تەركىبىدە، 61 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 2 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 12.9 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 2.5 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 80 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 0.7 مىكروگىرام كاروتىن، 81.8 مىكروگىرام رىننول ئىكۋېۋالىنىتى، 0.04 مىللىگىرام تىئامىن، 0.07 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 1 گىرام ۋىيتامىن C، 1.04 گىرام ۋىيتامىن E، 161 مىللىگىرام كالىي، 3.8 مىللىگىرام ناترىي، 19 مىللىگىرام كالتسىي، 28 مىللىگىرام ماگنىي، 4.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.32 مىللىگىرام مانگان، 1.04 مىللىگىرام سىنىك، 0.03 مىللىگىرام مىس، 52 مىللىگىرام فوسفور، 2.17 مىللىگىرام سېلىن بار. بۇندىن باشقا يەنە سامساق ماددىسى، سامساق يىڭى ماددىسى بار.
دورىلىق قىممىتى
   غولسامساقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ماغدۇر تۇلۇقلاش، ئىچكى ئەزالارنى تەڭشەش، قاننى جانلاندۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش، باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بار.
    باكتىريە ئۆلتۈرۈش رولى بار. غولسامساق تەركىبىدە ئاچچىق پىگمىنتى بار بولۇپ، باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى پىنىتسىللىننىڭ %10 گە تەڭ كىلىدۇ؛ كىسەللىك باكتىرىيىسى ۋە پارازىنت قۇرتلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش رولى بار.
   تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، گىمىروينىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. غولسامساقنىڭ سىرتقى پوستىدا ناھايىتى مول بولغان تالا ماددىلىرى بولۇپ، ئۈچەينىڭ غىدىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. غولسامساقنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، گىمىروي بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ۋە قايتا قوزغىلىش قېتىم سانىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
    تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى، ئارتىرىيە قېتىشىش، قاندىكى ماي ئېشىپ كىتىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. غولسامساق تەركىبىدە ۋىيتامىن Cنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، بۇنىڭ قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكلىرى ۋە ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قان نوكچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号