ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
يېسى پۇرچاق(豆角)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېسى پۇرچاق ئەتىرگۈل ئەترىتى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى چوكا پۇرچاققا تەۋە بولغان بىر يىللىق كۆكتات بولۇپ، ئادەتتە يەنە جاڭدۇ، ئۇزۇن جاڭدۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېسى پۇچاق تەركىبىدە ئاقسىل، كاروتىن، قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى ياخشى كىلىدۇ؛ يېسى پۇرچاق دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى قىسمىدا كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدىغان ئاممىباپ كۆكتاتلارنىڭ بىر خىلى.
    يېسى پۇرچاقنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇچۇقچىلىققا تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ۋە پارنىكتا تېرىپ ئۆستۈرۈشكىمۇ ئوخشاشلا ماس كىلىۋىرىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  豆角
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Vigna unguiculata
باشقىچە ئاتىلىشى: جاڭدۇ، ئۇزۇن جاڭدۇ
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئىپتىدائى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئازغان كەنجى ئەترىتى—پۇرچاق ئائىلىسى—كىپىنەكسىمان گۈللۈكلەر كەنجى ئائىلىسى—جاڭدۇ ئۇرۇقدىشى
 
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    يېسى پۇرچاق تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل ۋە ئاز مىقداردىكى كاروتىن، ۋىيتامىن B، ۋىيتامىن C قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بىرخىل كۆكتاتتۇر. يېسى پۇرچاق قۇرۇق ماددىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى تەخمىنەن %2.7 ئەتراپىدا بولۇپ، ئىنتايىن ياخشى بولغان ئۆسۈملۈك ئاقسىلى كىلىش مەنبەسىدۇر. بۇندىن باشقا يېسى پۇرچاق تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئاشلىققا ئوخشاش رول ئوينايدىغان بولۇپ، كىشىلەر ئادەتتە يېسى پۇرچاقنى ئاساسلىق كۆكتات يىمەكلىكى قاتارىدا ئىشلىتىدۇ.
دورىلىق قىممىتى
    جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، يېسى پۇرچاق تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكە ھۆللىك يەتكۈزۈش ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى تەڭشەپ ياخشىلاش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ماغدۇرسىزلىنىشنى تۈگىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار، بولۇپمۇ ئۆت-ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ.
    ئادەم بەدىنى ئىشلەپ چىقارغان ئەركىن رادىكال زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن، ياكى ئەركىن رادىكالىنىڭ تازىلىنىشى زىيادە ئاستا بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، بۇ بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ تىز سۈرئەتتە قېرىپ كىتىشىنى ۋە كۆپ خىل كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە يېسى پۇرچاقنىڭ ھىدروكسى ئەركىن رادىكالىغا قارىتا، نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان تازىلاش رولى بار بولۇپ، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مىقدارى بىرقەدەر مول بولغان كاروتىن، ۋىيتامىن E، ئاسكوربىك كىسلاتا (抗坏血酸) ۋە مىكرو ئىلمىنىت سېلىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号