ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
كەرەپشە (芹菜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كەرەپشە كۈنلۈكسىمان ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋەپ بولۇپ، سۇ كەرەپشىسى ۋە قۇرۇغلۇق كەرەپشىسى ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ؛ دورىغا ئىشلىتىشتە ئادەتتە قۇرۇغلۇق كەرەپشىسى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، پۇرىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەتتە پۇراقلىق كەرەپشە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    كەرەپشە تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتات بولۇپ، گۆشلۈك قورۇما قورۇشقا ياكى ئايرىم قورۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ ماس كىلىدۇ.
 
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  芹菜
باشقىچە ئاتىلىشى: سۇ كەرەپشىسى
تەبىئىتى:  سۇغۇق تەبىئەتلىك
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر تىپى—كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئەترىتى—كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى—كەرەپشە ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    ھەر 100 گىرام كەرەپشە تەركىبىدە، 12 كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە، 60.05 مىللىگىرام ۋىيتامىن B، 0.6 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 4.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 29.8 مىكروگىرام فولىن كىسلاتاسى(叶酸)، 2.6 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 5 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 29 مىكروگىرام كاروتىن(胡罗卜素)، 0.01 مىللىگىرام تىئامىن ماددىسى(硫胺素)، 0.03 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن ماددىسى(核黄素)، 0.22 مىللىگىرام ئاتسىدۇم نىكوتىنىكوم(烟酸)، 4 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 36 مىللىگىرام كالتسىي، 35 مىللىگىرام فوسفور، 15 مىللىگىرام كالىي، 313.3 مىللىگىرام ناترىي، 15 مىللىگىرام ماگنىي، 0.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.1 مىللىگىرام سىنىك، 0.1 مىكروگىرام سېلېن، 0.02 مىللىگىرام مىس، 0.06 مىللىگىرام مانگان بار.
دورىلىق قىممىتى
    كەرەپشىنى ئىستىمال قىلغاندا، ئادەم ساغلاملىقىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈملىرى بار:
    يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاپ، جىگەردىكى ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ ھەمدە باش ئاغرىش، كۆز قىزىرىپ كىتىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.
   تۇغۇتتىن كىيىنكى قورساق ئاغرىشقا پايدا قىلىدۇ.
   سەكتە كىسەللىكىنىڭ ئاسارەتلىرىنى داۋالاپ، قان سىيىشكە پايدا قىلىدۇ.
   نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ،ئۇيقۇسى قېچىش، باش ئاغرىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.
   ئىسسقنى تەڭشەپ، بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەيدۇ.
   چىشنى تازىلاپ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، مەستلىكىنى شىشىدۇ.
   راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号