ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
زەنجىۋىل(姜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-01 كۆرۈلىشى : قېتىم

 

   

  زەنجىۋىل—زەنجىۋىل ئائىلىسى زەنجىۋىل ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ يىڭى غول يىلتىزى بولۇپ، ئۆسۈملۈك ئادەتتە 100-40 سانتىمىتىر ئىگىزلىكتە ئۆسىدۇ. زەنجىۋىلنى ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا تەم كىرگۈزگۈچى تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلەتكەندىن باشقا، ئۇنى يەنە دورىغا قوشۇشقا بولىدىغان بولۇپ، جوڭگۇ تىبابىتىدە كۆڭۈل ئېلىشىشنى توختىتىش، ھۆتەلنى توختىتىش قاتارلىق رولى بار دەپ قارىلىدۇ.

  خەنزۇچە ئاتىلىشى:  生姜 

  لاتىنچە ئاتىلىشى:   Zingiber officinale Roscoe

  باشقىچە ئاتىلىشى:  زەنجىۋىل يىلتىزى، زەنجىۋىل پوستى، يەرشىن

  تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—زەنجىۋىل ئەترىتى—زەنجىۋىل ئائىلىسى—زەنجىۋىل ئۇرۇقدىشى

  تارقالغان رايونلىرى: دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسىملىرى، شەرقى جەنۇب قىسمىدىن غەربى جەنۇب قىسمىغىچە بولغان ھەرقايسى ئۆلكىلەر

ئۇزۇقلۇق قىممىتى

  زەنجىۋىلنىڭ ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان قىسمى %95كە يىتىدۇ. ھەر 100 گىرام زەنجىۋىل تەركىبىدە ئىنىرگىيە 172kj ، سۇ تەركىبى 87 گىرام، ئاقسىل 1.3 گىرام، ياغ 0.6 گىرام، يىمەكلىك تالاسى 2.7 گىرام، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى 7.6 گىرام، كاروتىن 170µg، رىتىنول 28µg ، تىئامىن 0.02 مىللىگىرام، رىبوفلاۋىن 0.03 مىللىگىرام، نىكوتىنىك كىسلاتا 0.8 مىللىگىرام، ۋىتامىن س 4 مىللىگىرام، كالىي 295 مىللىگىرام، ناترىي 14.9 مىللىگىرام، كالتسىي 27 مىللىگىرام، ماگنىي 44 مىللىگىرام، تۆمۈر 1.4 مىللىگىرام، مانگان 320 مىللىگىرام، سىنىك 0.34 مىللىگىرام، فوسفور 25 مىللىگىرام، مولىبدىن 0.14 مىللىگىرام، سېلىنµg 05.6؛ بۇندىن باشقا يەنە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان گىنگېرول قاتارلىق ماددىلار بار.

دورىلىق قىممىتى

  زەنجىۋىل كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشىگۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گىنگېرول ۋە دىفېنىل گېپتىل تۈرىدىكى بىرىكمە ماددىلارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ئەركىن رادىكالنى يوقىتىش ئۈنۈمى بار. تىبابەتتە زەنجىۋىلنىڭ ئۆسمە پەيدا بولۇشنى توسۇش، ئاشقازان ۋە ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھانى ئېچىش، ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باكتىرىيە يوقىتىپ زەھەر قايتۇرۇش، ماشىنىدا بېشى قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش، چېچى كىپەكلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇت پۇراشنى يوقىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار دەپ كۆرسىتىلگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号