ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دادا، سەندىن ئۆتۈنەي، تېزراق ئۆلسەڭچۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئائىلە تەربىيەسىدە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا بىر خىل خاتا قاراش مەۋجۇت؛ ئۇ بولسىمۇ، بالىسىغا زىيادە ئامراقلىق كۆرسىتىپ، بۇ سەۋەبلىك ئائىلە تەربىيەسى جەريانىدا، بالىغا بولغان تەربىيەنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ ياكى "تاجاۋۇز" خاراكتېرلىك تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، شەخسىيەتچى، مېھىرى مۇھەببەتسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ.
   يېقىندا، تېلېۋىزوردا مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆردۈم. بىر بوۋاي ناھايىتى ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۆزىنى كۆپ ۋاقتى قالمىغاندەك ھېس قىلغان بولغاچقا، ئوغلىنى ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن بىر كۆرۈۋىلىشنى ئويلاپتۇ.
   ئادەتتە ئوغلىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، بوۋاي ئادەتتە بىرەر يىرى ئاغرىپ قالسىمۇ ئوغلىنى ئاۋارە قىلمايدىكەن؛ لېكىن بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ ۋاقتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولغاچقا، ئوغلىنى ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم كۆرۈۋىلىشنى ئويلاشقان ئىكەن.
   ئوغلى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خىزمەت ئورنىدىن رۇخسەت سوراپ قايتىپ كەپتۇ. بوۋايمۇ ئوغلىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلى تەسكىن تېپىپ، ئوغلى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ كۆپرەك بىرگە تۇرۇۋىلىش ئۈچۈن، جېنىنى تۇمشۇقىدا ساقلاپ بىر مەھەل ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپتۇ.
   گەرچە بوۋاي ئوغلىدىن ئايرىلىپ ئۇ ئالەمگە كېتىپ قېلىشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن ئوغلى بۇنداق ئويلىمايدىكەن. ئۇ بۇ قېتىم يەتتە كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا دادىسى پات يېقىندا جان بىرىدىغاندەك قىلمىغان؛ ئەگەر ئۇ ۋاقتىدا قايتىپ كەتمىسە شىركەت ئۇنىڭ مائاشىنى تۇتۇدىغان بولغاچقا، ئۇ تەقەززالىق بىلەن دادىسىغا ئېيتقان: "دادا، سەن زادى جان ئۈزەمسەن يوق؟ مەن ئاران يەتتە كۈنلا رۇخسەت ئالغان!"
   بوۋاي ئوغلىنىڭ ئۆزىنىڭ تېزراق جان ئۈزۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاچچىقىدا كەيپىياتىدا داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. بوۋاي بۇ دۇنيادىن كۆزى ئۇچۇق كەتكەن، ئوغلى بولسا رۇخسەت ۋاقتىنى ئاشۇرىۋەتمەي قايتىپ ئىشقا چۈشكەن.
   نۇرغۇن تورداشلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئوغۇلنى بەس-بەستە ئەيىبلەشكەن، ئۇنى ۋاپاسىز، رەھىمسىز دېگەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى بار، لېكىن بۇ بالا نېمە ئىش قىلسا بولىۋىرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس؛ بالىلار مىننەتدار بولۇشنى بىلمىگەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ بالىسىغا بولغان تەربىيەسىدە قايسى تەرەپلەرنىڭ ياخشى بولماي قالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى ۋە ۋاقتىدا تۈزىتىشى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号