ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەم ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغان ۋاقىتتا، بەدەندىكى قان ئايلىنىش نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى "توسۇپ چەكلەش" ھالىتىدىن ھاياجانلىنىش ھالىتىگە ئۆتۈشكە، بەلگىلىك بىر جەريان لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن دەرھال كىيىمىزنى كىيىپ يۈزلىرىمىزنى يۇيۇپ ئالدىراش بولۇپ كەتسەك، بۇ ۋاقىتتا ناۋادا بەدىنىمىز تېخى ماسلىشىپ بولالمىسا ھەم قان ئايلىنىش يەنىلا نىسبەتەن ئاستا ھالەتتە تۇرسا، بۇ ۋاقىتتا ئوكسىگېن ۋاقتىدا چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلمەي، ئاسانلا باش قېيىش قاتارلىق بىئاراملىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ؛ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا بولسا، يەنە ئاسانلا يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى تاساددىپىي ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا كىچىك تەرەت قىلماسلىق
   ئەگەر ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھاجەتكە ئولتۇرساق، كۆپىنچە بېشىمىز قېيىپ قالىدۇ. چۈنكى، ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا، بەدەننىڭ مىتابولىزىم سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ يۈرەك سوقۇش ئاستىلايدۇ ھەمدە قان بېسىممۇ تۆۋەنلەيدۇ، ھەر تۈرلۈك فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارلارنىڭ ئايلىنىشى ئاستا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تويۇقسىز بىراقلا كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھاجەتكە ئولتۇرساق، دوۋساق تېز سۈرئەتتە قۇرۇقدىلىپ، ئاسانلا قان بېسىمى چۈشۈپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك چوڭ مېڭىگە ۋاقىتلىق قان يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، كىچىك تەرەت قىلىش خاراكتېرلىك ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا ناشتا قىلماسلىق
   بىر كىچىلىك ئۇيقۇدىن كېيىن، ئادەم سەھەر ۋاقتىدا بىر خىل "يېرىم ئويغاق يېرىم ئۇيقۇلۇق" ھالەتتە تۇرىدۇ؛ ئەتىگەن ۋاقىتتا، شۆلگەي ۋە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، ئون نەچچە مىنۇت، ھەتتا يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن نورمال سەۋىيىگە قايتىدۇ. ئەگەر ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا دەرھال ناشتا قىلساق، بولۇپمۇ بەزىبىر ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلساق، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا بەك كۆپ ھەم بەك تېز سۇ ئىچىشكىمۇ بولمايدۇ، سۇنى ئاستاغىنا ئىچسەك بەدەنگە تېخىمۇ پايدىلىق.
   يۇقارقى ئىككى نۇقتىدىن باشقا، ئەتىگىنى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىنلا قاتتىق ھەرىكەت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号