ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ  قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لازىم بولىدۇ. بىراق تۇغۇتتىن كىيىن، ئانىلار يەنە زىھنىنى سەرپ قىلىپ، ئەمدى تۇغۇلغان بوۋىقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمىغاچقا، نۇرغۇن ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشى دىگەندەك كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ بولالمايدۇ؛ بۇنى ئادەتتە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكى تۆت ئورۇندا تېخىمۇ كۆرنەرلىك بولىدۇ.
چاچ
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇنى ۋە ھامىلدارلىق ھورمۇنى مىقدارى تىز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلەپ ئەسلىدىكى ھورمۇن تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، بۇ سەۋەپلىك ئاياللاردا ئاسانلا چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ تۇغۇتتىن كىيىن بولسا، ئانا بالىسىنى ئىمىتىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئانىنىڭ يىمەك-ئىچمىكى، جۈملىدىن قوبۇل قىلىدىغان ئۇزۇقلۇقى تەڭپۇڭ بولمىسا، ئۇلارنىڭ چېچى تېخىمۇ ئاجىزلاپ، چاچ چۈشۈش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ياخشىلاشتا، ئانا بولغۇچى يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە كۆپرەك دىققەت قىلغاندىن باشقا، يەنە بېشىنى يۇغان ۋاقتىدىمۇ چېچىغا ئاسراش ئېلىپ بېرىشقا دىققەت قىلمىقى لازىم.
رەڭگى-رويى
   تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە، ئەگەر ئۇلار تۇغۇتىدا ياخشى كۈتۈنەلمىسە، ئۇلارنىڭ چىرايى سارغىيىپ، تىرە رەڭگى ئۆڭۈپ كىتىدۇ. ئەگەر ئانا بولغۇچى بۇ ۋاقىتتا يەنە ھەمىشە كىچىلىرى يىتەرلىك ئۇخلىمىسا، ئۇلارنىڭ كۆز ئەتراپى قارىداپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كىتىدۇ؛ ئىنچىكىرەك دىققەت قىلساق، ھەتتا كۆز قۇيرۇقى ئەتراپىدا قورۇقچىلار پەيدا بولۇشقا باشلىغىنىنى بايقىيالايمىز. شۇڭا، ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن، يىتەرلىك ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىشى ھەم تىرىسىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
ئەمچەك
    يىڭى تۇغۇتلۇق ئايال ئەگەر كۆكسىگە ياخشى ئاسراش قىلمىسا، ئاسانلا بوشىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار بالىسىنى ئىمىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئىچ كىيىم كىيىشنى ياقتۇرمايدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ئەمىلىيەتتە ئاياللارنىڭ كۆكسىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ئانىلار ئەگەر بالا ئىمىتىشكە قولايسىز كۆرسە، بالا ئىمىتىش مەخسۇس ئىچ كىيىمى كىيىۋالسا بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، بالىنى ئىمىتىشكە قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئانىنىڭ كۆكسىنى ئاسراش رولىنى ئويناپ، كۆكسىنىڭ بوشىشىپ ساڭگىلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قوساق
    ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن، ئۇلارنىڭ قورسىقى يەنىلا كۆپكەن ھالەتنى ساقلايدۇ؛ بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ئاياللار ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا قورسىقى زىيادە يوغىناپ كەتكەنلىكتىن، بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى مۇسكۇللار بوشىشىپ، بىراقلا ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ بولالمايدۇ. ئەگەر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىنمۇ، قورساق قىسىمى يەنە كۆپكەن ھالەتتە تۇرسا، ئۇنداقتا بۇ بالىياتقۇنىڭ تۇلۇق ئەسلىگە كىلىپ بولالمىغانلىقتىن بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن، بالىياتقۇنى ئەسلىگە ئەكىلىشكە ۋاقتىدا تىرىشىپ، يىمەك-ئىچمەككە ۋە چېنىقىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号