ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاچچىقسۇنىڭ بۇنچە كۆپ پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاچچىقسۇ، تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خۇرۇچلارنىڭ بىرى بولۇپ، تائام تەييارلاش جەريانىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسەك، تائاملار تېخىمۇ تەملىك چىقىدۇ ھەمدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ھەزىم بولۇپ بەدەنگە سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ سۇغۇق سەي تەييارلاشتا، ئاچچىقسۇ كەم قالسا قەتئى بولمايدۇ.
   ئاچچىقسۇنى دائىم ئىستېمال قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك كۆپلىگەن پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيسىز ھەقىچان!!
باكتىرىيە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە
   بەزى كىشىلەرنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىش يىتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، باكتىرىيە ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر تەركىبىدە باكتىرىيە ۋىرۇسلار بولغا يېمەكلىكلەرنى يەپ سالغاندا، قورساق بىئارام بولىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاز بولغۇچىلارنىڭ باكىتىرىيەگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولغاچقا، پاكىزە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ سالسا، ئاسانلا ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، ئاچچىقسۇ بولسا، كېسەللىك باكتىرىيە ۋىرۇسلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا يوقىتالايدۇ ھەمدە ھەرخىل مىكرو جانلىقلارنى كۆپىيەلمەيدىغان ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، دائىم ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىپ تۇرغاندا، بەدەن ئىچىدىكى باكتىرىيە ۋىرۇسلارنى يوقىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتىقىلى ھەم ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا، ئاچچىقسۇنىڭ باكتىرىيە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، پۇت پۇرايدىغان ياكى پۇتى ئاسان تەرلەپ قالىدىغانلار، پۇتىنى چىلاپ يۇغان ۋاقىتتا، سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە، پۇت پۇراش ۋە پۇت تەرلەش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ.
ئۇزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
   ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشى ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما سۈمۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئېقىپ يوقاپ كەتمەسلىكىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. ئەگەر بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، يېمەكلىكلەر تەركىبىدىن يىتەرلىك تۈردە ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر تائام تەييارلاش جەريانىدا، ھەمىشە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇۋىتىپ ئادەتلەنسەك، بەلكىم مىۋە-كۆكتاتلار تەركىبىدىن قوبۇل قىلغان ۋىتامىن Cنىڭ ئېقىپ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا بولۇشى مۇمكىن ھەمدە ۋىتامىنCنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن.
بەدەندىكى مايلارنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
   ئاچچىقسۇنىڭ بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، دائىملىق تۈردە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلغاندا، بەلكىم ئۇرۇقلاشقا قارىتا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز مايلىق تائاملارنى يىگەن ۋاقتىمىزدا، ئاچچىقسۇ ئىچىش ئارقىلىق مايلىق تەمنى ياكى مايلىق يېمەكلىك يىگەندىن كېيىنكى كۆڭۈل ئاينىشنى پەسەيتەلەيمىز ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئىشتىھايىمىزنى ياخشىلىيالايمىز؛ لېكىن شۇنىڭغا بەك كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا ئادەم ئاسانلا سەمىرىپ قالىدۇ.
ھەمىشە ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلغاندا، بەلكىم قېرىشنى ئاستىلاتقىلى بولۇشى مۇمكىن
   ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە كۆپ بولغان ئوكسىدلانغان ماي تەركىبلىرى، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەبلىك ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋىتىدۇ. لېكىن، ئاچچىقسۇ تەركىبىدە بىر خىل ماددىنىڭ ئوكسىدلانغان ماي تەركىبىگە قارىتا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان چەكلەش رولى بار بولۇپ، بەدەندىكى ئوكسىدلانغان ماي تەركىبى مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلەيدۇ ھەمدە ئوكسدىلانغان ماي تەركىبلىرىنىڭ بەدەننىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى ئازلىتىپ، تەن ساغلاملىققا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە قېرىشنى ئاستىلىتىش رولىنىمۇ ئوينىشى مۇمكىن.
   ئاچچىقسۇنىڭ تۇرمۇشتىكى قوللىنىشى ئىنتايىن كۆپ. ئاچچىقسۇ تىرە ۋە چاچقا قارىتا قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ يەنە ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ ئۇيقۇغا كىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغىمۇ ئىگە. بىراق، ئاچچىقسۇ ئىنتايىن قۇيۇق بولغان كىسلاتالىق ئاچچىق پۇراققا ئىگە بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىقسۇنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەم بەدىنىمۇ ئاچچىق پۇراققا قارىتا تەدرىجى كۆنۈپ كېتىدىغان بولۇپ، دەسلىپىدە تازا كۆنەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، بىراق ئاز-ئازدىن سىناپ باقساق، بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەمىگىمۇ كۆنۈپ كىتەلەيمىز.
   ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، ئاچچىقسۇمۇ ھاراققا ئوخشاش، نورمىدىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە، بەدەنگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؛ شۇڭا، مۇۋاپىقىدا ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号