ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھەممىباپ سوغۇق سەي تەملەشتۈرۈش قىيامى تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەلكىم سىزمۇ ئەجەبلىنىشىڭىز مۇمكىن، نېمىشقا ئاشخانا-رېستورانلاردىكى سوغۇق سەيلەر شۇنچە تەملىك چىقىدۇ، ئەمما ئۆيدە سوغۇق سەينى ئۇ خىل تەمدە تەملەشتۈرەلمەيمىز؟ بۇنىڭدىكى مەسىلە، ئاساسلىقى يەنىلا تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا. بۇ سەۋەبلىك، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھەر قانداق سوغۇق سەي تەملەشتۈرۈشكە ئوخشاش ماس كېلىدىغان قىيام تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   بىرىنچى قەدەمدە ماتېرىيال تەييارلايمىز: سامساق تەييارلاپ، ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى قىسقا قىسقا بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ غولپىيازنى چەمبەر شەكىلدە توغرايمىز؛ يۇمغاقسۈتنى قىسقا بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، چوڭراق چىنىدىن بىرنى تەييارلاپ، تۆت قوشۇق قىزىلمۇچ تالقىنى، ئىككى قوشۇق ئاق كۈنجۈت، بىر قوشۇق قارىمۇچ ۋە ئالدىدا چاناپ تەييارلىغان سامساقنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازاندا ماي قۇيۇپ، يەتتە ئۈلۈش قىزىغاندىن كېيىن، چىنىگە تۆكۈپ سامساقنىڭ تەمىنى چىقىرىمىز؛ كەينىدىن ئۈستىگە 20گىرام شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، 10گىرام ئاچچىقسۇ، 5گىرام تۇز قوشىمىز ھەمدە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تۇزنى تولۇق ئىرىتىمىز.
   ئاخىرىدا ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، غولپىياز چانالمىسى، يۇمغاقسۈت قاتارلىقلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىۋەتسەكلا، بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان ھەممىباپ سوغۇق سەي تەملەشتۈرۈش قىيامى تەييار بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号