ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۈنجۈتنىڭ پايدىسى چاچ قارايتىشلا ئەمەس
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈنجۈت، مېنىڭچە كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس؛ قەدىمدىن تارتىپ، خەلق ئارىسىدا كۈنجۈتنىڭ چاچ قارايتىش رولى بار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلار بولۇپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە، كىچىككىنە كۈنجۈتنىڭ بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۈنۈملىرى بار...
سۆڭەكنى ساغلاملاشتۇرۇپ كالتسىي تولۇقلاش
   قارا كۈنجۈتنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى، كالا سۈتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ شۇڭا، مۇۋاپىق تۈردە قارا كۈنجۈت ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كالتسىي تەركىبىدە ماگنىي ماددىسى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى سۈمۈرىشىگە پايدىلىق.
ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ تىرىنى ياخشىلاش
   قارا كۈنجۈت تەركىبىدە ۋىتامىن Eمول بولۇپ، ھەر 100گىرام تەركىبىدىكى ۋىتامىن Eنىڭ مىقدارى 50مىللىگىرامغا يىتىدۇ. ۋىتامىن Eبولسا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ، بۇ ئارقىلىق ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە قېرىشنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
   قارا كۈنجۈت تەركىبىدە زور مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى بار بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىدىكى خولستىرىننى تۆۋەنلىتىش، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
   قارا كۈنجۈت تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتالار، ۋىتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار قاتارلىقلارنىڭ بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەپ، ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号