ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چاينى ئىچىشكە بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن دوستلار چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چاينى ئىچىشكە بولامدۇ؟
   چاي، بىر خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭمۇ ساقلاش ۋاقتى بار. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چاينىڭ رەڭگى، پۇرىقى، دەملەنگەن چاينىڭ رەڭگى، چاي تەمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ؛ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چايدا نۇرغۇنلىغان زەمبۇرۇغلار شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت بۇ خىلدىكى چاينى ئىچسەك، تەن ساغلاملىقىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
   چاينىڭ تۈرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يېشىل چاي، ئېچىتىلغان چاي دائىرىسىگە كىرمەيدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىش تەرتىپى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىمۇ قىسقا، ئادەتتە بىر يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.
   قىزىل چاي پۈتۈنلەي ئېچىتىپ تەييارلانغان چاي بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن، ئىش تەرتىپى تېخىمۇ كۆپ، شۇڭا ئۇنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن ئۇزۇن، ئادەتتە ئۈچ يىل ئەتراپىدا بولىدۇ. قارا چاينىڭ بولسا، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئادەتتە ئون يىلدىن ئونبەش يىلغىچە بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号