ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىكى، ئاساسلىق يېمەكلىكتىن باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بوۋاقلار قوبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ. لېكىن، يېڭى ئانا بولغۇچىلارنىڭ، بوۋاققا قانداق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلىپ كېتىشى ناتايىن. بولۇپمۇ، بىرىنچى قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈلگەن بوۋاققا نىسبەتەن، ھەر بىر كاپام يېمەكلىك، بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئاساسىنى ياخشى تىكلىشىدىكى مۇھىم ھالقىدۇر.
   بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىكىنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كېرەك؟
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانا سۈتى ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇقى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ھەر خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ سۇيۇق ھالىتى، بالىنىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. لېكىن بوۋاقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بوۋاق 6ئايلىققا توشقاندىن كېيىن، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يېتىشمەيدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك، قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈش، ئۇلارغا ئۇزۇقلۇق تولۇقلاشنىڭ يەنە بىر يولىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
   قانداق بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشكە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ؟
   ھازىرقى بازاردا، تاللاشقا بولىدىغان بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىكى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، "2016-يىللىق جۇڭگۇ ئاھالىلەر يېمەكلىك ئىستېمالى كۆرسەتمىسى"نىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، بوۋاقلارغا تۇنجى قېتىمدا، تۆمۈر تەركىبى مول بولغان ئۇماچ ھالىتىدىكى يېمەكلىك يىگۈزۈش كېرەك ئىكەن؛ چۈنكى، سۇيۇق ئۇماچ ھالىتىدىكى يېمەكلىكنى بوۋاقلار تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدىكەن ھەمدە تېخىمۇ ئاسان ھەزىم قىلالايدىكەن.
قوشۇمچە يېمەكلىكنى قانداق قوشۇپ يىگۈزگەندە بوۋاق تېخىمۇ ئاسان قۇبۇل قىلالايدۇ؟
   بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈش، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر جەريان. ئادەتتە بوۋاققا تۇنجى قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزگەن ۋاقىتتا، بوۋاق ئانا سۈتىنى ئىمىپ قورسىقى يېرىم تويغان ھالەتكە يەتكەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈپ ئىنكاسىنى سىناپ باقساق بولىدۇ.
ئەگەر بوۋاقتا كۆنەلمەيدىغان ياكى قۇسۇۋىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئالدىراپ كەتمەستىن، ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا ئازراق ۋاقىت بىرىپ، بىر نەچچە قېتىم ئارتۇق سىناپ بېقىش لازىم.
   مىقدار جەھەتتىمۇ، ئازلىقتىن تەدرىجىي كۆپىيىشكە قاراپ مىقدارنى ئاشۇرۇپ، بوۋاقنىڭ ئانا سۈتى ئىمىشنى ئازلىتىپ قوشۇمچە يېمەكلىككە ئادەتلىنىشىگە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بىرىش كېرەك.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بوۋاققا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈش، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا بولۇپ، بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېىتلىشىنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇڭا بۇ مەزگىلدە، ئاتا-ئانىلار بوۋاققا يىگۈزمەكچى بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكنى ياخشى تاللاپ، مۇۋاپىق  ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەدرىجىي ھالدا مىقدارنى ئاشۇرغاندا، ئاندىن بوۋاقنىڭ بۇ مەزگىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号