ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چوڭ مەسلە يوق، پەقەت ئىممونت كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەنلىك ھەققىدىكى دىئاگونوزغا ئىرىشىدۇ. ئۇنداقتا، بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى قانداق ئاشۇرۇش كىرەك؟ مەن بۇ ھەقتە، دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان نەچچە خىل ئۇسۇلنى بىلىۋالدىم؛ تۆۋەندە مەن بۇ ئۇسۇللارنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن.

بالىغا سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش
   بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئىچ ئەزالىرىنىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئەزالارنىڭ نورمال خىزمەت قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئىممونت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى ئىچىدىغان بەزى بوۋاقلارنىڭ كۈندىلىك سۇ قوبۇل قىلىش مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئاسانلا قوقاقلاش، ئىسسىق زۇكام قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ كىسەل بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىمەن دىسەك، ئۇنداقتا بالىلارغا قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش كىرەك.
ئۇمۇرتقىسىنى ئۇۋۇلاپ بىرىش
   بوۋاقلارنىڭ دۈمبە قىسمىدا قىل قان تۇمۇرلار كۆپ بولۇپ، دۈمچە ۋە ئۇمۇرتقا قىسىملىرىنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، بالىلاردىكى ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق، زىققا، ھۆتىلىش قاتارلىق ئاستا خارەكتىرلىك كىسەللىك ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاشقا بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، بالىلارنى جىسمانى ۋە ئەقلى جەھەتتىن ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. بالىلار كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلارنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بالىلاردىكى بەزى غەلىتىلىكلەرنى يوقىتىشقا بولىدىكەن. بىراق، بالىلارنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى ئۇۋلىغاندا، چوقۇم يىنىك ئۇۋلاش ھەمدە ھەركۈنى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3-5مىنۇت ئەتراپىدا كونتىرول قىلىشى كىرەك.
پۇت تاپىنىنى ئۇۋۇلاش
   چوڭلار ئادەتتە، بىر كۈن ئىشلەپ ھارغاندىن كىيىن، پۇتىنى سۇغا چىلاپ يۇيۇش ئارقىلىق ھارغىنلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بوۋاقلارغا نىسبەتەن، پۇتىنى سۇغا چىلاپ يۇيۇش ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ تاپىنىنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بىرىشى كىرەك. پۇت قىسىمدا پەللىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ھەركۈنى مۇۋاپىق تۈردە ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ، پۇت-قول مۇزلاش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. بالىنىڭ تاپىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا قارىتا سەزگۈرلۈكى تېخىمۇ ئاشىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلاش
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بوۋاقنىڭ ئۆي سىرتى مۇھىتىغا نىسبەتەن سەزگۈر كىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆيدىلا بېقىپ، سىرتقا ئاز ئېلىپ چىقىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بالىلارنى ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلاپ بىرىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ. قۇياش نۇرى، ۋىيتامىنDنىڭ سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئەگەر بوۋاق تېنىدە بۇ خىل ماددا يىتەرلىك بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنى، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى كالتسى، فوسفور ماددىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈپ، پاكار ھەم دۈمچەك يوغىناپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ  بوۋاقنىڭ تىرە يۈزىدىكى باكتىرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتالايدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
   يۇقارقى تۆت نوقتىدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بوۋاقنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگىمۇ ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号