ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
چوكا پۇرچاق(豇豆)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
   چوكا پۇرچاق ئادەتتە جاڭدۇ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن چوكا پۇرچاق ۋە قىسقا چوكا پۇرچاق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چوكا پۇرچاق پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 豇豆
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Vigna unguiculata
باشقىچە ئاتىلىشى: جاڭدۇ(角豆)
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئىپتىدائى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئازغان كەنجى ئەترىتى—سەي پۇرچاق جەمەتى—سەي پۇرچاق كەنجى جەمەتى—پۇرچاق ئائىلىسى—كىپىنەكسىمان گۈللۈكلەر كەنجى ئائىلىسى—جاڭدۇ ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    چوكا پۇرچاقنىڭ ۋىيتامىن B، ۋىيتامىن C، ۋە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە، بەلگىلىك مىقداردا فولىن كىسلاتاسى، ۋىيتامىن A ۋە تۆمۈر، ماگنىي، مانگان، فوسفور، كالىي قاتارلىق مىنرال ماددىلار بار.
دورىلىق قىممىتى
   چوكا پۇرچاقنىڭ ۋىيتامىن B ۋە ۋىيتامىن C، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئادەمنىڭ مىڭىسىنىڭ سەگەكلىكىنى ساقلاش، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى تەڭشەش، كۆكرەك قىسىم ئسىلىشنى يوقىتىش ۋە جىددى خارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغىنى داۋالاپ قۇسۇش ھەم ئىچى سۈرۈشنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.
   چوكا پۇرچاقنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان فوسفورلۇق ياغ تەركىبى بار بولۇپ، بۇ قەنتنىڭ مىتابولىزىمىغا قاتنىشالايدۇ، شۇڭلاشقا چوكا پۇرچاق دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يىمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ. بۇندىن باشقا چوكا پۇرچاقنى سۇدا پىشۇرغاندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا تەم-خۇرۇچ قوشۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھەزىم قىلىشى ناچار كىشىلەرنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىدۇ ھەمدە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号