ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
گۈمبەمەدەك(蘑菇)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   گۈمبەمەدەك زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى ۋە ئىسپورا تەنچىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى ئۇزۇقلۇق ئەزاسى، ئىسپورا تەنچىسى كۆپىيىش ئەزاسىدۇر؛ موگۇنىڭ ئوتتۇزئالتە مىڭ خىل جىنىس ئايرىمىسى بار بولۇپ، ئادەتتە پىشقان ئىسپورا تەنچىسى بىخلاپ زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسىگە ئايلىنىدۇ.
   گۈمبەمەدەكنىڭ ئىسپورا تەنچىسى ئېچىلغان كۈنلۈككە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ زەمبۇرۇغ ياپقۇچى، زەمبۇرۇغ تۇتقۇچى، زەمبۇرۇغ قاتلىغى، زەمبۇرۇغ چەمبىرىكى، زەمبۇرۇغ ساختا يىلتىزى قاتارلىق قىسىملاردىن تۈزۈلىدۇ. تەبىئەتتە گۈمبەمەدەكنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كۆپ قىسىم گۈمبەمەدەكنى ئىستىمال قىلىشقا ۋە دورا ماتىريالى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەمما ئاز بىر قىسىم زەھەرلىك گۈمبەمەدەكلەر ئادەم بەدىنىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانلىق كىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا ياۋا گۈمبەمەدەكلەرنىڭ تۈرىنى ئىنىق بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىستىمال قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  蘑菇
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  mushroom
تەۋەلىكى:  زەمبۇرۇغلار دۇنياسى—بازىدلىق زەمبۇرۇغلار تىپى—گۈمبەمەدەك كەنجى تىپى—بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى—ئوخشاش بازىدىيە كەنجى سىنىپى—قالپاقلىق زەمبۇرۇغ ئەترىتى—گۈمبەمەدەك كەنجى ئەترىتى—گۈمبەمەدەك ئائىلىسى—گۈمبەمەدەك كەنجى ئائىلىسى—گۈمبەمەدەك ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
     گۈمبەمەدەك تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، قەنت تۈرىدىكىلەر، يىرىك تالا ماددىسى، ناترىي، كالىي، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، مىس، سىنىك، مانگان، فىتور، پولىساخارىد، فولىن كىسلاتاسى، نىكوتىنىك كىسلاتاسى، كاروتىن، ۋىيتامىن B1، ۋىيتامىن B2، ۋىيتامىن B6، ۋىيتامىن C، ۋىيتامىن E، ۋىيتامىن K، بىئوتىن قاتارلىق ماددىلار ۋە ئالانىن، گىلوتامىك كىسلاتا قاتارلىق ئامىنو كىسلاتالار بار؛ گۈمبەمەدەك تەركىبىدىكى ياغ تۈرلىرى ئىچىدە لىنون كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ، ماي كىسلاتاسى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە ياپونيىلىك تەتقىقاتچىلار گۈمبەمەدەك تەركىبىدىن، PS-K دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پولىساخارىدلىق راكقا قارشى تۇرغۇچى ماددا چەككىلەپ ئالغان.
دورىلىق ئۈنۈمى
    1. گۈمبەمەدەك قۇياش نۇرىنى سۈمۈرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئالاھىدە بىر خىل ماددا، ۋىيتامىن D غا ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
    2. بىرازىلىيەدىكى مەلۇم بىر تەتقىقات ئورگىنى گۈمبەمەدەكتىن بىر خىل ماددا چەككىلەپ ئالغان بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ ئاغرىق پەسەيتىش ۋە تىنچلاندۇرۇش رولى بار ئىكەن.
    3. گۈمبەمەدەكتىن چەككىلەنگەن سۇيۇقلۇقنى تەجىربە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يۆتەل توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش ئۈنۈمى بارلىقى بايقالغان.
    4. ياپونيىلىك تەتقىقاتچىلار گۈمبەمەدەكتىن راكقا قارشى تۇرغۇچى ماددا چەككىلەپ ئالغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ پەيدا بولۇشىنى ئۈنۈملۈك توسايدىكەن ھەمدە توسۇش ئۈنۈمى يىشىل چاي تەركىبىدىكى راكقا قارشى تۇرغۇچى ماددىنىڭ 1000ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىكەن.
    5. گۈمبەمەدەك تەركىبىدىكى يىرىك تالا ماددىلىرىنىڭ ئۈچەينىڭ سۇ تەركىبىنى ساقلاش ھەمدە ئارتۇق خولىستىرىن ۋە ئارتۇق قەنت تەركىبىنى سۈمۈرۈش رولى بار بولۇپ، قەۋزىيەت، ئۈچەي راكى، ئارتىرىيە قېتىشىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    6. گۈمبەمەدەك تەركىبىدە زور مىقداردا مىنرالنى ماددىلار، ۋىيتامىن تۈرى، ئاقسىل قاتارلىقلار بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنىرگىيە مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، كۆپ يەپ بەرسىمۇ ئادەمنى سەمىرتمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号