ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
يۇمغاقسۈت(香菜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يۇمغاقسۈت، ئادەتتە پۇراقلىق بەدىيان دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كۈنلۈكسىمان ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسنىڭ يۇمغاقسۈت ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولغان، بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.
   يۇمغاقسۈت كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولغان تەم كۆتۈرگۈچى كۆكتات بولۇپ، شەكلى كەرەپشىگە ئوخشاپ كىتىدۇ؛ ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرى كىچىك ھەم يۇمران بولۇپ، پۇرىقى ناھايىتى يېقىشلىق كىلىدۇ. يۇمغاقسۈت ئادەتتە سۇغۇق سەي ياكى شورپىلاردا، چۆپ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە تەم كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  香菜
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Coriandrum sativum
باشقىچە ئاتىلىشى:  پۇراقلىق بەدىيان
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئەترىتى—كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى—سانكۇلا پۇرچىقى كەنجى ئائىلىسى—يۇمغاقسۈت ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، تەركىبىدە ۋىيتامىن C، كاروتىن، ۋىيتامىن B1، ۋىيتامىن B2 قاتارلىقلار بار؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور، ماگنىي قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنىتلار بار. يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇچۇچان مېيى تەركىبىدە ماننىتول، ئاپتاپپەرەس ئالدېگىد، پىلارگون ئالدېگىد، كامفورا دەرىخى ئالكوگولى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىشتىھانى ئېچىپ ئۆت فونكىسىيىسىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار. بۇلاردىن باشقا يۇمغاقسۈت تەركىبىدە يەنە ئالما كىسلاتاسى ۋە كالىي قاتارلىق ماددىلارمۇ بار.
   يۇمغاقسۈت تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Cنىڭ مىقدارى باشقا كۆكتاتلارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە بىر ئادەم 10-7 گىرام ئەتراپىدا يۇمغاقسۈت ئىستىمال قىلسىلا، ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىيتامىن C غا بولغان ئىھتىياجىنى قامدىيالايدۇ؛ يۇمغاقسۈت تەركىبىدىكى كاروتىننىڭ مىقدارى، پەمىدۇر، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلارغا قارىغان 10 ھەسسە كۆپ.
دورىلىق قىممىتى
   يۇمغاقسۈت ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ ئۆت فونكىسىيىسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. يۇمغاقسۈتنىڭ ئالاھىدە كەلگەن پۇرىقىنىڭ ئادەمنى تەرلىتىش ئارقىلىق ئىسسىقنى ھەيدەپ تەمرەتكىنى يوقىتىش ئۈنۈمى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号