
ياڭيۇ ئەسلىدە پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن بىر يىللىق ئۆسۈملۈك سۈپىتىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئۈستى غولى سەل ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك، تۈكچىلىرى بار، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، گۈلى ئاق، سۆسۈن ۋە ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتە بىز دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ياڭيۇ يىلتىز بولماستىن، بەلكى يەر ئاستى تۈگۈنەك غولدىن ئىبارەت.
ياڭيۇ ئادەتتە سوغۇق ۋە قۇرغاق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا تېرىلسا ئاسانلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ رودىمېنتلىشىپ(چېكىنىپ) كېتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ كىلىماتى سوغۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۆسۈشى ياخشى ۋە مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ. ياڭيۇ بىخلىنىپ قالغاندا بىخىنىڭ ئەتراپىدا زەھەرلىك ماددا سولانىن ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، يېيىشكە بولمايدۇ. ياڭيۇ پوستىنىڭ تەركىبىدە خىلوروفىل بولىدۇ، شۇڭا ئۇ كۈن نۇرى ئاستىدا تۇرۇپ قالسا فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىلىپ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئۆلچەشلەرگە قارىغاندا، ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، سەۋزىنىڭكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، كۈزلۈك يېسىۋىلەك(چوڭ بەسەي) نىڭكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە، پەمىدۇرنىڭكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بولۇپمۇ ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.
ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ياڭيۇ ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئۈچىنچى بولكا» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «كۆپ ئىقتىدارلىق زىرائەت» دېگەن نامىمۇ بار. ئۇنىڭدىن كراخمال، ئىسپىرت، دېكسترىن، گلۇكوزا ئېلىشقىمۇ، يەنە كاۋچوك، كىنو-فىلىم پىليونكىسى، سۈنئىي يىپەك، ئەتىر قاتارلىق نەچچە ئون خىل سانائەت بۇيۇملىرىنى ياساشقىمۇ بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار ياڭيۇ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋېنگرىيە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق، خام يېگىلى بولىدىغان يېڭى ياڭيۇ سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا گۆشىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى پىشۇرۇش ۋە قورۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ئاقلاپ يېسىلا بولىدۇ. رۇمىنىيە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق يېڭى بىر ياڭيۇ سورتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ، ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە خاتېرىلىدى.
ياڭيۇنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاندېس تاغلىق رايونلىرى بىلەن چىلىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىكى تاغلىق رايونلاردۇر. بۇرۇن ئىندىئانلار ياڭيۇنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان ھەم ئۇنى «دادا» دەپ ئاتاشقان. 1536-يىلى ئىسپانىيىلىك ماتروسلار(دېڭىزچىلار) ياڭيۇنى پېرۇدىن ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىپ تېرىغان. 1565-يىلى ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيىگە كىرگۈزۈلۈپ شۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 15-ئەسىردە بولسا جۇڭگوغا كىرگەن.
1785-يىلى فرانسىيىدە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا فالمىنچىن ئىسىملىك بىر دورىگەر ياڭيۇنى فرانسىيىگە كىرگۈزۈپ كۆپلەپ تېرىش ئارقىلىق قەھەتچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان، لېكىن نۇرغۇن فرانسىيىلىكلەر ئۇنى زەھەرلىك دەپ قاراپ تېرىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ لۇئى ياڭيۇ چېچىكىنى زىننەت سۈپىتىدە خانىشنىڭ چېچىغا قىستۇرۇپ قويغان؛ خان ئوردىسىنىڭ گۈللۈكىگىمۇ ياڭيۇ تېرىپ ئۆستۈرگەن. نەتىجىدە، ياڭيۇ تېرىش ھەش-پەش دېگۈچە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ، ياڭيۇ چېچىكى تاقاش مودىغا ئايلانغان ھەم ئالىيجانابلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبلىك ياڭيۇمۇ «يەر ئاستى ئالمىسى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号