ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » پىشۇرۇقلار
دوخوپكا بولمىسىمۇ قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇ يىيەلەيسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈز ۋە قىش كۈنلىرىدە، شۆلگىيىمىزنى ئېقىتىپ، ئېغىز خاھىشىمىزغا قارشى تۇرالمايدىغان بىر خىل يىمەكلىك بار، ئۇ بولسىمۇ قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇدۇر. كۈز ۋە قىش پەسلىنىڭ سۇغۇق كۈنلىرى، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇ سەۋەپلىك ئىللىقلىققا ۋە شىرىنلىككە تولىدۇ؛ بۇ خىل يىمەكلىكنىڭ، جەلپكارلىقى ھەقىقەتەن يۇقىرى.
   تاتلىق ياڭيۇنى تەييارلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن، مايدا داغلاش، دۈملەش، قورۇش، مانتىغا قىيما قىلىش قاتارلىقلار. بىراق، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرغان تاتلىق ياڭيۇغا يەتمەيدۇ. ئالقىشقا ئىرىشىش دەرىجىسى جەھەتتە، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
   گەرچە خام تاتلىق ياڭيۇنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما قاقلاپ پىشۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ باھاسى بىراقلا 8-7ھەسسە ئۆرلەپ كىتىدۇ. ئادەتتە خام تاتلىق ياڭيۇنىڭ ھەر جىڭىنى 2-1يۈەندىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇنىڭ ھەر جىڭىنىڭ باھاسى 10يۈەن ئەتراپىدا؛ شۇڭا، ئەگەر قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇنى ئۆيدە ئۆزىمىزلا تەييارلىيالىساق، پۇل ئىقتىساد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئېغىزىمىزنىڭ خۇمارىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە، دەل ئۆيدە قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ ئۇسۇل پاكىزە ھەم بىخەتەر بولۇپلا قالماي، يەنە دوخوپكا ئىشلىتىش كەتمەيدۇ، ناھايىتى قولايلىق.
   تاتلىق ياڭيۇنى ئۆيدە قاقلاپ پىشۇرۇشتا، ئەڭ ياخشىسى جۇغى كىچىكرەكنى تاللاش كېرەك؛ بۇنىڭدا پىشۇرۇش ۋە يىيىش قولايلىق بولىدۇ، ھەم تەمىمۇ تاتلىقراق چىقىدۇ. ئالدى بىلەن، تاتلىق ياڭيۇنى يۇيۇپ پاكىزلاپ توك قازىنى ئىچىگە سېلىپ، مىفەن پىشۇرۇش كونوپكىسىنى بېسىپ قويساقلا بولىدۇ. مۇشۇنداق ئاددىي. ئەگەر ئۆيىمىزدىكىسى كونا تىپتىكى توك قازىنى بولسا ھەمدە توك قازىنىنى بۇزۇق قويۇشتىن ئەنسىرىسەك، ئازراق سۇ قۇيۇۋەتسەك بولىدۇ؛ لىكىن بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، 50مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولسىلا بولىدۇ، بولمىسا تاتلىق ياڭيۇنى سۇدا پىشۇرۇشقا ئايلىنىپ كىتىدۇ.
   توك قازىنىدا تاتلىق ياڭيۇ پىشۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇسۇلنىڭ ئاددى بولۇشىدا؛ توك قازىنىدا پىشۇرغاندا، ئۆرۈپ قويۇش كەتمەيدۇ، قەغەز قويۇش كەتمەيدۇ، كۆيۈپ  كىتىشىدىن ئەنسىرەش تېخىمۇ بىھاجەت بولىدۇ. ئەگەر تاتلىق ياڭيۇنى تېخىمۇ تەملىك پىشۇراي دىسىڭىز، ئۇنى سېتىۋىلىپ ئەكەلگەندىن كىيىن بىۋاستە پىشۇرماي، ئىككى ئۈچ كۈن ئاپتاپقا قاقلاپ، سۇ تەركىبىنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن پىشۇرسىڭىز، تاتلىق ياڭيۇ تېخىمۇ تەملىك ھەم تاتلىق پىشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号