ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » پىشۇرۇقلار
ئائىلىدە دوخوپكا ئىشلەتمەي تورت تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە دوخوپكا ۋە توكلۇق تۇخۇم قوچۇش ماشىنىسى يوق، شۇڭا مەن بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، دوخوپكا ۋە توكلۇق تۇخۇم قوچۇش ماشىنىسى كەتمەيدىغان تورت تەييارلاش ئۇسۇلىنى ھەمبەھىرلىنىپ ئۆتىمەن.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: 360گىرام قېتىق، 130گىرام تۆۋەن تالالىق ئۇن، 6 تۇخۇم، ئاق شىكەر 33گىرام، بىر گىرام تۇز، نەچچە تامچە ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
  1. تەخسىدىن بىرنى تەييارلاپ، تەخسىنىڭ تەگ قىسىمىغا مايلىق قەغەز ياتقۇزىمىز، تۆت ئەتراپىغا ماي سۈرۈپ چاپلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز؛ ئەلۋەتتە، تورت ئۇمىچىنى قاچىلايدىغانغا، شارائىتقا قاراپ خالىغانچە قاچا ئىشلەتسەك بولىدۇ، يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا چىدايدىغان ئىستاكان ياكى چىنە بولسىمۇ بولىدۇ.
   2. تۇخۇم، قېتىق، ئاق شىكەر، تۇز ۋە نەچچە تامچە ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى چوڭ قاچىدىن بىرگە سېلىپ، چوكا بىلەن تولۇق ئارىلاشتۇرىمىز. قېتىق ئورنىغا كالا سۈتى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چوقۇم قېتىق ئىشلىتىش كېرەك.
   3. كەينىدىن تۆۋەن تالالىق ئۇننى ئۈستىگە قوشۇپ، داۋاملىق چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز؛ چوقۇم قېتىۋالغان نۆكچىلەر قالمۇغۇچە ئارىلاشتۇرىمىز.
   4. ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان ئۇماچنى، ئالدىدا تەييار قىلغان تەخسىگە قۇيىمىز؛ قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تەخسىنى ئازراق مىدىرلىتىپ، ئارىسىدىكى ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنى چىقىرىۋىتىمىز؛ ئاخىرىدا تەخسە يۈزىگە يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا چىداملىق يېڭى ساقلاش پىلاستىرى يۆگەپ، چىش كولىغۇچتا نەچچە تال تۆشۈك تىشىپ قويغاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ، 20-15مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.
   5. تورتنى دۈملەپ بولغاندىن كېيىن، چىش كولىغۇچتا تۆت ئەتراپىنى بويلىتىپ بىر سىزىۋەتكەندىن كېيىن، تەخسىنى دۈملەپ تورتنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، بىردەم قويۇپ سۇۋىتىمىز. چۈنكى ئىسسىق ۋاقىتتا كىسىپ پارچىلىساق پىچاققا چاپلىشىۋالىدۇ.
   6. ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىڭ خاھىشىغا ئاساسەن مۇۋاپىق چوڭ-كىچىكلىكتە توغراپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号