ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئائىلىۋى تائاملار » پىشۇرۇقلار
ياڭيۇ قەلەمچىسىدىن قاتلىما تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ياڭيۇنىڭ يەنە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى—ياڭيۇ قەلەمچىسى قاتلىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: 300گىرام ياڭيۇ، 200گىرام ئۇن، 50گىرام يۇمغاقسۈت، 4گىرام تۇز، 30 مىللىلىتىر قوناق مېيى، ئىككى تۇخۇم
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ياڭيۇنىڭ پوستىنى ئاقلاپ پاكىزە يۇيۇپ تەييارلايمىز.
   2. يۇمغاقسۈتنى پاكىزە يۇيۇپ ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   3. ياڭيۇنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.
   4. يۇمغاقسۈت چانالمىسىنى ياڭيۇ قەلەمچىسىنىڭ ئۈستىگە قوشىمىز.
   5. تۇز قوشىمىز.
   6. ئۇن قوشىمىز.
   7. ئىككى تۇخۇمنى قوشىمىز.
   8. چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛ ئەگەر قارىماققا بەك قۇرغاق كۆرۈنسە، ئازراق سۇ قوشساق بولىدۇ.
   9. تېگى تۈز قازاننى قىزىتىپ، ئىچكى قىسىمىغا بىر قەۋەت ماي سۈرۈيمىز.
   10. ئالدىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى ئۇمىچىنى چۈمۈچ بىلەن ئۇسۇپ قازانغا سېلىپ داغلايمىز؛ (چۆمۈچ بىلەن ئەتراپىنى يېغىشتۇرۇپ شەكىللىك ھالەتكە ئەكەلسىڭىز تېخىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ)
   11. بىر يۈزى سارغايغاندىن كېيىن يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈپ داغلايمىز. ھەر ئىككى يۈزى سارغىيىپ پىشقاندىن كېيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号