ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشلۇك سوغوق سەيلەر
ئىلگىرى بۇنداق تەملىك توخۇ قانىتى يەپ باققانمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
     بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇزلانغان توخۇ قانىتى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ خىلدا تەييارلانغان توخۇ قانىتى ئىنتايىن تەملىك بولۇپ، يىگەنسىرى يىگىڭىز كىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
     توخۇ قانىتى 300گىرام، زەنجىۋىل پارچىسى بىر تال
تېتىتقۇ خۇرۇچى:
     تۇزلانغان توخۇ گۆشى سوقالمىسى(盐焗鸡粉)
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-Step 1-
ئالدى بىلەن 10گىرام تۇزلانغان توخۇ گۆشى سوقالمىسىدا، تەييار قىلغان توخۇ قانىتىنى  تۇزلايمىز.
قولىمىزدا تەكشى ئارىلاشتۇرۇغاندىن كىيىن، 20 مىنۇت قويۇپ تۇزلايمىز.
-Step 2-
ئالدى بىلەن قازاندا سۇ ئېسىپ، قاينىغاندىن كىيىن، 10گىرام تۇزلانغان توخۇ گۆشى سوقالمىسى ۋە زەنجىۋىل پارچىسىنى قازانغا سالىمىز.
قازان قايناپ چىققاندىن كىيىن، توخۇ قانىتىنى سالىمىز.
قازان قايتا قايناپ چىققاندىن كىيىن، ئوتنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، يەنە 7 مىنۇت پىشۇرىمىز.
توخ قانىتى پىشقاندىن كىيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇدىن بىر نۆۋەت ئۆتكۈزسەك، بۈگۈنكى توخۇ قانىتى تەييار بولغان بولىدۇ.

-Step 3-
      تۇزلانغان توخۇ قانىتى تەييار بولغاندىن كىيىن، ئەگەر ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلىغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلسىڭىز تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ؛ بۇ خىل توخۇ قانىتىنى سۇدا پىشۇرۇشتىن باشقا، ئۇنى تۇزلانغان توخۇ گۆشى سوقالمىسىدا تۇزلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۆز ئادىتىڭىزگە قاراپ، ھوردا دۈملەپ ياكى دوخوپكىدا قاقلاپ پىشۇرسىڭىزمۇ ئوخشاشلا مەزىلىك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号