ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشلۇك سوغوق سەيلەر
چۈچۈمەل كالا گۆشى تەييارلاش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2020-09-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىتەرلىك ماتېرىيالى: كالىنىڭ سان گۆشى، غولپىياز، زەنجىۋىل
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاق شېكەر، ناۋات، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، قاقىلە، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، شاتارى، قوۋزاق دارچىن، ئارپا بەدىيان، قاقمۇچ، خولىنجان، لاچىندانە، شىياڭيې، داغۇر، جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت
  تەييارلاش ئۇسۇلى: قازانغا كالا گۆشى چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيۇپ كالا گۆشىنى سېلىپ قاينىتىمىز؛ قازان قاينىغاندىن كېيىن كۆپۈكچىلىرىنى پاكىزە سۈزۈۋىتىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەم خۇرۇچلىرىدىن ۋە غولپىياز زەنجىۋىللاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ، بوش ئوتتا ئىككى سائەت قاينىتىپ پىشۇرۋالىمىز. بىر قاچىغا يۇمشاق سوقۇلغا قىزىلمۇچ ئېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ ۋە كۈنجۈت قوشقاندىن كېيىن، قازاندا بىر چۆمۈچ ياغ قىزىتىپ ئۈستىگە قۇيۇپ، قىيام تەييارلىۋالىمىز.
   كالا گۆشىنى سۈزۈپ ئېلىپ سۇۋۇتقاندىن كېيىن، چىرايلىق شەكىلدە نىپىز توغراپ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە تەييارلىغان قىيامنى قۇيۇپ تەملەندۈرۈپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号