ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشلۇك سوغوق سەيلەر
پىياز مېيىدا تەملەشتۈرۈلگەن توخۇ گۆشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، غولپىياز مېيىدا تەملەشتۈرۈلگەن توخۇ گۆشى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   خام ماتېرىيالى: توخۇ، زەنجىۋىل، غولپىياز، تۇز، ئاقمۇچ، بېلىق پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان گۇيۇۋ جىياڭيۇسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. توخۇ گۆشىنى تازىلاپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، سىرتقى يۈز قىسىمىغا تۇز ۋە ئاقمۇچ سۈرتكەندىن كېيىن، ئىچى سىرتىنى ئۇۋۇلاپ، خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى توخۇ گۆشىگە تەكشى سىڭدۈرىمىز ھەمدە ئىككى سائەت قويۇپ قويىمىز. (چىش كولىغۇچ بىلەن يۈز قىسىمىدا تۈشۈك ئېچىپ قويسىڭىز بولىدۇ)
   2. زەنجىۋىلنى توغراپ توخۇنىڭ ئىچىگە تىققاندىن كېيىن، توخۇ گۆشىنى گىرۋېكى ئېگىزرەك قاچىغا سېلىپ، دۈملەش قازىنىدا 25مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.(ۋاقىتنى ئۆزىڭىز مۆلچەرلىسىڭىز بولىدۇ، توخۇ تولۇق پىشىش ئالدىنقى شەرت). پىشقاندىن كېيىن دۈملەش قازىنىدىن ئېلىپ سۇۋۇتىمىز.
   3. توخۇ سۇۋۇغاندىن كېيىن توغراپ تەخسىگە تىزىمىز؛ دۈملەش جەريانىدا قاچىغا يېغىلغان توخۇ شورپىسىنى تۆكىۋەتمەي، توخۇ گۆشىنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز.
   4. غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق توغراپ، باش قىسىمىنى قىزىق مايغا سېلىپ قورۇيمىزھەمدە باش قىسىمى سارغايغاندىن كېيىن، غولپىياز مايسىسى كۆكى ۋە زەنجىۋىل چانالمىسىنى سالىمىز.
   5. غولپىياز مايسىسىنىڭ تەمىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ماي بىلەن قوشۇپ ئۇسۇپ ئېلىپ، تەخسىدىكى توخۇ گۆشىنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز؛ كەينىدىن ئۈستىگە ئازراق گۇيۇۋ جىياڭيۇسى قۇيۇۋەتسەك، بۈگۈنكى غولپىياز مېيىدا تەملەشتۈرۈلگەن توخۇ گۆشى تەييار بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号