ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشلۇك سوغوق سەيلەر
ئاچچىق تەملەشتۈرۈلگەن توخۇ گۆشى قەلەمچىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاچچىق تەملەشتۈرۈلگەن توخۇ گۆشى قەلەمچىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن؛ بۇ تائامنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەم تائام خۇمارىڭىزنى باسىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: توخۇ تۆش گۆشى، غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل، تېتىتقۇ ھاراق، كۈنجۈت مېيى، كاۋاۋىچىن مېيى، مۇچ مېيى، ئاچچىقسۇ، شېكەر، پىششىق ئاق كۈنجۈت، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، توخۇ تۆش گۆشىنى سالغاندىن كېيىن، تېتىتقۇ ھارىقى، چاناپ توغرالغان غولپىياز مايسىسى ۋە زەنجىۋىللەرنى قوشۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ 15مىنۇت قاينىتىمىز.
   پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇۋۇتىمىز.
   توخۇ گۆشىنى قولىمىزدا تىتىپ ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
   قىيام تەييارلايمىز: پىيالىگە مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، شېكەر، تۇز، كاۋاۋىچىن مېيىن، مۇچ مېيى، ئاق كۈنجۈت قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلايمىز.
   تىتىپ تەييارلىغان توخۇ گۆشىنى تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە تەييارلىغان قىيامنى قۇيغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان يۇمغاقسۈت سېپىۋەتسەك، ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号