ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ھەرخىل قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
موگونى بۇ ئۇسۇلدا قورىسا تولىمۇ تەملىك چىقىدىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
   موگۇنىڭ ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، ياغ تەركىبى تۆۋەن بولۇپ، تەركىبىدە يەنە پولىساخارىدلار، ئامىنو كىسلاتالار ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، يىيىشلىك موگو قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال: موگو، كۆكمۇچ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شېكەر، قارىمۇچ، سامساق، غولپىياز مايسىسى، ئىستېمال مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   موگونى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   كۆكمۇچنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، رومبا شەكلىدە توغرايمىز؛ سامساقنى ياپراقچە شەكلىدە توغرايمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق توغرايمىز.
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، موگونى سېلىپ قاينىتىۋالغاندىن كېيىن، سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز ھەمدە سۈيىنى سىقىۋىتىپ تەييارلايمىز.
قورۇش ئۇسۇلى
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئالدى بىلەن غولپىياز مايسىسى ۋە سامساقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن موگونى سېلىپ قورۇيمىز.
   ئىككى قوشۇق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاق شېكەر، ئازراق قارىمۇچ قاتارلىقلارنى يېرىم چىنە سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن قازانغا قۇيىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورىغاندىن كېيىن، ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن، كۆكمۇچنى سېلىپ، يەنە ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا قورۇپ كۆكمۇچ پىشقاندىن كېيىن، ئۈستىگە غولپىياز مايسىسى سېپىۋىتىپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号