ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قورسىقى 10 ئايلىق ھامىلدار ئايالنىڭكىگە ئوخشاش يوغىناپ كەتكەن بالا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-30 كۆرۈلىشى : قېتىم

    دۇنيانىڭ چوڭلۇقىدا، ھەرخىل ھەيران قالارلىق ئىشلار ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. رەسىمدىكى بۇ ئوغۇل بالا پاكىستانلىق بولۇپ، بۇ يىل ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن، ئەمما ئۇنىڭ قورسىقى خۇددى ھامىلدار ئاياللارنىڭكىگە ئوخشاش يوغىناپ كەتكەن. ئاتا-ئانىسى ئۇنى دوختۇرغا كۆرسەتكەندە، دوختۇرلار ئۇنىڭغا تۇغۇلما خارەكتىردىكى زور بوغماق ئۈچەي كىسىلى ( ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى كىلىپ چىققان ئاستا خارەكتىرلىك قەۋزىيەت) دەپ دىئاگونوز قويغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ قورسىقى بارغانسىرى يوغىناپ كەتكەن ئىكەن.
    دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل كىسەللىك ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغان بولۇپ، ئۈچەينىڭ كىسەل تەگكەن قىسمى ھەر دائىم سىپازمىلىنىش (痉挛) ھالىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۈچەي يولى زور دەرىجىدە تارلىشىپ كىتىدىكەن ھەمدە بۇ سەۋەپلىك چوڭ تەرەت كىسەل تەگكەن ئۈچەي بۆلىكىدىن ئۆتەلمەي ياكى ئۆتىشى قىيىنغا توختاپ ئۈچەي يوللىرىنىڭ نورمال پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇنلىغان قالدۇق تەرەتنىڭ كىسەل تەگكەن ئۈچەي بۆلىكىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    تۇغۇلما خارەكتىرلىك زو بوغما ئۈچەي كىسەللىكى ئادەتتە بوۋاق مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلار نورمال چوڭ تەرەت قىلىش رىفلىكىسىنى يوقىتىپ، چوڭ تەرەت قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن؛ بىماردا قەۋزىيەت، قورسىقى چوڭىيىپ كىتىش، ھەتتا تەتۈرسىگە ياندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بىمارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن ھەمدە بەزىدە تۇيۇقسىزلا ئېغىرلاپ كىتىدىكەن. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل كىسەللىك ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى ئۆتۈشمە ئەمما راۋان ئەمەس بولغان ئەھۋالغا تەۋە بولۇپ، بۇ ئەھۋال چوڭ تەرەتنىڭ ئادەم بەدىنىدە يېغىلىپ، قورسىقىنىڭ كۆپۈپ يوغىناپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    بۇ بالىنىڭ ھەركۈنى بۇنداق چوڭ قورساقنى سۆرەپ يۈرىشىمۇ، بىر خىل ئېغىر يۈك ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ بۇرۇنراق ياخشى بولۇپ، بۇ خىل ئازاپتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا تىلەكداشمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号