جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان توزاقلىرىغا قارىتا، نۇرۇغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىدىيسى ۋە ئۇسۇلى كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئىھتىياتسىزلىقتىن يامان غەرەزلىك قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ توزىقىغا دەسسەپ، مال-مۈلۈك جەھەتتە ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرايدۇ.
10-ئاينىڭ 24- كۈنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك بانكا ۋە سۇغۇرتا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، 16 تۈرلۈك كۆپ ئۇچرايدىغان ئالاقە (تور) ئالدامچىلىق ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئاشكارىلىدى.
1. قانۇن ئورۇنلىرى خىزمەتچى خادىملىرى سىياقىغا كىرىۋىلىش: يالغاندىن ئوبىكىتقا پۇل يۇيۇش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئالدامچىلىق قىلىشقا قاتنىشىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئوبىكىتنى قورقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئالداپ-سىيلاپ، ئۇلارنىڭ بانكا ھىساباتىدىكى پۇلىنى ئاتالمىش "بىخەتەر ھىساب نۇمىرى"غا يۆتكىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئوبىكىتنىڭ پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
2. ئۈندىدار، QQ نۇمۇرى ۋە مەخپى نۇمۇرىنى ئوغۇرلاپ ئالدامچىلىق قىلىش: ئوبىكىتنىڭ
QQ، ئۈندىدار نۇمۇرى ۋە مەخپى نۇمۇرىنى ئوغۇرلاپ، ئالاقىلىشىش خاتىرسىدىكى دوستلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئوبىكىتنىڭ تۇغقانلىرى، دوستلىرى ياكى خىزمەتتىكى رەھبىرىنىڭ سىياقىغا كىرىۋىلىپ، پۇل ئىشلىتىدىغان جىددى ئەھۋال بولۇپ قېلىش، مال پۇلى تۆلەش قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ، ئوبىكىتنىڭ ھىسابات ئارقىلىق پۇل يۆتكەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
3. كىملىكىمنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ: قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تېلفوندا ئوبىكتنىڭ تۇنۇش بىلىشلىرى ياكى رەھبىرىنىڭ سىياقىغا كىرىۋىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئوبىكىت قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى پەرەز قىلغاندىن كىيىن، ئۇلار دەرھال بۇ سالاھىيەتنى ئىتراپ قىلىدۇ ھەمدە ھەر خىل باھانە سەۋەپلەرنى كۆسىتىپ، ئوبىكىتنىڭ ئۆزىنىڭ ھىسابىغا پۇل يۆتكەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
4. بېلەت سېتىۋىلىش، بىلەت قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى: قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توردىن پايدىلىنىپ بىلەت سېتىۋىلىش، ئايرۇپىلان ۋە پويىز بىلىتىنى قايتۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساختا مەزمۇندىكى ئالاقىلىشىش تېلفون نۇمۇرلىرىنى تارقىتىپ، تۆۋەن باھا ئارقىلىپ ئوبىكىتنى قىزىقتۇرىدۇ ياكى ئاۋئاتىسيە مۇلازىمىتى سىياقىغا كىرىۋىلىپ، ئايروپىلاننىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى سەۋەبلىك بىلەتنى قايتۇرۇش ياكى باشقا نۆۋەتلىك ئايروپىلان بىلىتىگە ئالماشتۇرۇپ بىرىشنى باھانە قىلىپ، ئوبىكىتنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ ئىنگىلىزچە مەشغۇلات كۆزنىكىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئوبىكىتىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
5. باج قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى: جىنايەتچى ئۇنسۇرلار قانۇنسىز ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئوبىكىتىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملىرى سىياقىغا كىرىۋىلىپ، يالغاندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى، تۆۋەن كاپالەت قۇتقۇزۇش پۇلى، باجنى قايتۇرۇش قاتارلىق دۆلەت ئىتىبار سىياسەتلىرىدىن ئوبىكىتنى بەھىرلەندۈرمەكچى بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئوبىكىتنىڭ باج ياكى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشى كىرەك ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئوبىكىتنى ئالداپ ئۇلارنىڭ بانكىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق پۇل قايتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قېلىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئوبىكىتنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
6. مۇما ئۇلانمىسى ئەۋەرتىپ ئالدامچىلىق قىلىش: جۇغلانما نۇمۇر ئالماشتۇرۇش، يېغىلىش سۈرەتلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى قاتارلىق، مۇما پىروگىراممىسى يۇشۇرۇنغان قانۇنسىز ئۇلانمىلارنى (تور ئادىرىسى ياكى ئىككىلىك كود) ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئوبىكىتنى ئۇلانمىنى چىكىپ كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇما پىروگىراممىسىنى ئوبىكىتنىڭ كومپىيوتىرىغا ياكى يانفونىغا قاچىلاپ، ئۇلارنىڭ بانكا كارتا ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلاپ ئېلىۋالىدۇ.
7. يالغان تور بىكەت ئۇلانمىلىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش: بانكا، ئالاقە ئورۇنلىرىنىڭ سىياقىغا كىرىۋىلىپ، يالغاندىن بانكا كارتا ياكى يانفون جۇغلانما نۇمۇرنى ئالماشتۇرۇش ياكى بانكا كارتا، تور بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ئوبىكىتنى ئالداپ ئۇلارنى ئۆزلىرى ياسىغان ساختا بانكا ياكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ تور بىكىتىگە زىيارەت قىلغۇزىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا ئوبىكىتنىڭ بانكا ھىساب نۇمۇرى، مەخپى نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللىۋىلىپ، بۇلاردىن پايدىلىنىپ ئوبىكىتنىڭ پۇللىرىنى ئالداپ ياكى ئوغۇرلاپ ئېلۋالىدۇ.
8. تور زىيارەت قىلىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ياكى ئىناۋەتنى باھالاش ئالدامچىلىقى: توردا دۇكان ئېچىش ئۈچۈن تىجارەت سوممىسىنى تىز سۈرئەتتە كۆتۈرۈش، ياخشى باھاغا ئىرىشىش لازىم بولىدۇ دىگەنلەرنى باھانە قىلىپ، توردا يالغاندىن تور زىيارەت قىلىش مىقدارىنى كۆپەيتىدىغان قوشۇمچە خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە سودا پۈتكەندىن كىيىن مال پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرىش ۋە ئارتۇق پايدا يەتكۈزۈشنى ۋەدە قىلىش ئارقىلىق، ئوبىكىتنىڭ بىكىتىلگەن تور دۇكىنىدىن نەرسە كىرەك سېتىۋىلىشىنى تەلەپ قىلىش ياكى زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوبىكىتنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
9. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ساختا ئېلانى: تور قىسقا ئۇچۇر ياكى ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەزمۇنىدىكى ساختا ئېلان تارقىتىپ، مۇلازىمەت ھەققى، زاكالەت پۇلى، كاپالەت ھەققى، تەربىيىلەش ھەققى قاتارلىق ناملار بىلەن ئوبىكىتتىن ئۆزىنىڭ ھىسابىغا پۇل يۆتكەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
10. مال سېتىۋىلىش ئالدامچىلىقى: ئىنتىرنەت تورى، قىسقا ئۇچۇرلار ئارقىلىق، نىمكەش ئاپتومبىل، تاموژنىدا مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇم قاتارلىق ساختا ئەرزان باھالىق تاۋارلار ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، ئوبىكىتتىن ئالدىن تاپشۇرىدىغان زاكالەت پۇلى، رەسمىيەت ھەققى، تۇشۇش ھەققى، تاموژنا بېجى قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
11. ساختا مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئالدامچىلىقى: داڭلىق كارخانا ياكى ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقان تىلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، تور، قىسقا ئۇچۇر، تېلفون، خەت-چەك قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق، ساختا بولغان مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىك ئۇچۇرى تارقىتىدۇ ھەمدە كەينىدىنلا رەسمىيەت ھەققى ئېلىش، كاپالەت پۇلى، پوچتا ھەققى، باج پۇلى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئوبىكىتنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
12. ساختا قەرز بىجىرىش ئالدامچىلىقى: گىزىت، قىسقا ئۇچۇر، تور قاتارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ساختا بولغان قەرزى بىجىرىش ئۇچۇرى ياكى ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىناۋەت سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بىرىشنى باھانە قىلىپ، كاپالەت ھەققى تاپشۇرۇش، رەسمىيەت ھەققى تۆلەش، مەبلەغنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوبىكىتنىڭ پۇلىنى بىۋاستە ئالداپ ئېلىۋالىدۇ ياكى ساختا ھالدا ئوخشىتىپ ياسالغان تور بىكەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوبىكىتنىڭ بانكا ھىسابات نۇمۇرى، مەخپى نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغاندىن كىيىن، ئوبىكىتنىڭ بانكا ھىسابىدىكى پۇلىنى ئوغۇرلاپ ئېلىۋالىدۇ.
13. تور سودىگەرلىرىنىڭ سىياقىغا كىرىۋىلىش ئالدامچىلىقى: قانۇنسىز ھالدا ئوبىكىتنىڭ توردىن مال سېتىۋىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللىۋالغاندىن كىيىن تور سودىگەرلىرى مۇلازىمەتچى خادىملىرىنىڭ سىياقىغا كىرىۋىلىپ، سودىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغانلىقى ۋە مال پۇلىنى قايتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئوبىكىتنى ئالداپ، ئۇلارنى ساختا ئوخشىتىپ ياسالغان تور بىكەتلىرىنى زىيارەت قىلغۇزىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئوبىكىتنىڭ بانكا ھىسابات ئۇچۇرلىرىنى ئالداپ ئىگەللىۋالىدۇ ياكى ئوبىكىتنىڭ بانكا ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ ئىنگىلىزچە مەشغۇلات قىلىش كۆزنىكىدە مەشغۇلات قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئوبىكىت مەشغۇلات قىلىۋاتقان جەرياندا ئۇلارنى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
14. ساختا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئالدامچىلىقى: ئېلان ۋاراقچىلىرىنى چاپلاش، تور، قىسقا ئۇچۇرقاتارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، يانفون كارتىسىنى كۆپەيتىش، ئىمتاھان سۇئالى بىلەن تەمىنلەش، گۇۋاھنامە بىجىرىش، ئۆي ئىجارە ئېلىش، ئىلمى ماقالە ئېلان قىلىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە قەرز سۈيلەش، توردا پاھىشۋازلىق ئۇچۇرى تارقىتىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ھەر خىل باھانە-سەۋەپ ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوبىكىتنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش.
15. ساختا مەبلەغ سېلىش، روزانىچىلىك ئالدامچىلىقى: ئىنتىرنىت تورى، تېلفون، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، پاي چېكى، روزانىچىلىك مەھسۇلاتلىرى، زاكاز مال ۋە تەييار مال قاتارلىقلارنىڭ ساختا ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، ئوبىكىتنى ئالداپ مەبلەغ سالدۇرغاندىن كىيىن، بازار ئەھۋالىنى كونتىرول قىلىش، خىرىدارلارغا ۋاكالىتەن مەشغۇلات قىلىش، يۇقىرى سوممىلىق رەسمىيەت ھەققى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوبىكىتنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش.
16. ساختا بولغان لاتارىيە سېتىش تور بىكەتلىرى ئالدامچىلىقى: ھەر خىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ساختا بولغان لاتارىيە سېتىش تور بىكەتلىرى ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى يەمچۈك قىلىپ، ئوبىكىتنى ساختا تور بىكەتلىرىگە چىقىپ لاتارىيە سېتىۋىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئوبىكىتنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
ھىسابقا پۇل يۆتكەشتىن ئاۋال چوقۇم سوراشقا تىگىشلىك تۆت سۇئال
1. "مەن نىمە ئۈچۈن پۇل يۆتكىمەكچى بولۇپ قالدىم؟"
2. "مەن قارشى تەرەپنى تۇنۇيمەنمۇ؟ قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا بىر تەكشۈرۈپ بىكىتىش كىرەكمۇ يوق؟"
3. "مەن ئالدامچىلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ قالدىممۇ يوق؟"
4. "مىنىڭ ساقچىخانا خادىملىرىدىن مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشىم كىرەكمۇ يوق؟"
ئالدامچىلىققا ئۇچرىغاندىن كىين چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك تۆت ئىش
1. بانكا مۇلازىمەتچى خادىملىرىنى ئىزدەپ، قۇتقۇزۇش چارىلىرىنى قوللىنىش ۋە پۇلنىڭ كەتكەن جايىنى سۈرۈشتۈرۈش.
2. ۋاقتىدا 110غا تېلفون قىلىپ، دىلو مەلۇم قىلىش.
3. پۇل يۆتكىگەن تالون ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاش.
4.
سۇغۇققان پۇزۇتسىيە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاش.