ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر بۇ خىلدىكى ئاياللارنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-24 كۆرۈلىشى : قېتىم

    نۇرغۇن كىشىلەر ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىدۇ؛ قەلبىلىرى تۇتاش كەلگەن سىرداش ئاشىقى، ئورنىنى تەۋرىتىشكە بولمايدىغان ئانىسى ياكى سەبى ئوماق كەلگەن قىزى ۋە ياكى ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرلەرگە تولغان تۇنجى مۇھەببىتىمۇ؟ ئەرلەر قەلىب قېتىدا مەھكەم ساقلىغان ئايال كىشىنىڭ بۇ ئەركىشىگە نىسبەتەن چوقۇم بىر ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار بولىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مۇھەببەتتىكى جۈپتىنى ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بۇنداق مۇھەببەت ئەرلەرنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك روھى تايانچىسىغا ۋە تىگىشكە بولمايدىغان "چەكلەنمە رايونىغا" ئايلىنىدۇ.
    ئەرلەر ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئاياللارنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ ئىككىنچى خىل ئاياللار، ئەرلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئۇلارنى "قۇتقۇزۇۋىلىش" مۇمكىن بولمايدۇ.
1. چىرايلىق لوڭقىغا ئايلىنىپ قالمايدىغان ئەقىللىق ئاياللار
    سىزنىڭ چىرايلىقلىقىڭىز سىزنىڭ مەبلىغىڭىز، ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ياكى ئەرلەرنىڭ لوڭقا ئورنىدا يېغىپ ساقلىشى ئۈچۈن بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىرايلىقلىقنى تاماق ئورنىدا يىيىشكە بولمايدۇ، ھەمدە ئادەمنىڭ چىرايى يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قېرىپ ياش ۋاقىتلىرىدىكى گۈزەللىكىدىن قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ چىرايلىق كەلگەن بۇ ئالاھىدىلىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە ئورنىڭىزنى تىكلىۋىلىشىڭىز، ئۆزىڭىنىڭ ئەقلىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ھاياتىڭىزغا ئۆزىڭىز يىتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى غايىلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىز كىرەك. مۇھەببەت پىسخىكا ئىلمىدا، ئادەتتە ئەرلەر تەرپىدىن "چىرايلىق لوڭقا" قاتارىدا كۆرۈلۈپ قالغان ئاياللار، ئومۇميۈزلۈك ھالدا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشەلمەيدۇ.
2. لاتاپىتى بار ھەم چاكىنا كۆرۈنمەيدىغان ئاياللار
   چىرايلىق ئاياللارغا نىسبەتەن، باشقىلار كۆپىنچە "چىرايلىق ئاياللار نادان كىلىدۇ" دىگەنگە ئوخشاش بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولىدۇ ھەمدە چىرايلىق ئاياللارنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارى يۇقىرى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئاياللارنىڭ لاتاپىتى ئۆگىنىش ۋە چېنىقىش ئارقىلىق يىتىشتۈرۈشكە بولىدىغان بولۇپ، سىز ئۆگىنىپ بىلىم توپلاش ئارقىلىق ئەرلەرنى ئۆزىڭىزگە جەلىپ قىلسىڭىز بولىىدۇ. سىز ئەگەر ھەرىكەت-قىلمىشىلىرىڭىز جەھەتتە ئۆگىنىپ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ سالاپىتى بار بولسىڭىز ھەمدە توختىماستىن ئۈگىنىپ يىڭى بىلىم ئىگەللەش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى بىلىملىك ئايالغا ئايلاندۇرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى چىرايلىق "ئايال ئىلاھ" بولۇپ ئۆزگىرىپ، ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل تارىنى چىكدىغان گۈزەل ئاياللاردىن بولالايسىز.
3. كەيپىياتىنى خۇشال تۇتىدىغان ھەم ئۈمىدۋار مىجەزلىك ئاياللار
    ئىلگىرى لى مىنگاۋ ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك لايىقىنىڭ تىپىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: "مىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك لايىقىم بولسا، ئۈمىدۋار ھەم خۇش مىجەز، مىنى كۈلدۈرۈپ خۇشال قىلالايدىغان تىپتىكى قىز بالا". كىيىن مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن نىمىشقىلىقىنى سورىغان ۋاقتىدا، ئۇ مۇنداق دىگەن: " ئەگەر مەن خىزمەت قىلىپ چارچاپ قالسام ياكى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالسام، بۇنداق قىزلار مىنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ، مىنى كۈلدۈرۈپ خوش قىلالايدۇ؛ مەن ئۇنداق قىزلارنى ناھايىتى جەلىپكار كىلىدۇ دەپ قارايمەن". بۇلار بىلەن بىرگە، لى مىنگاۋنىڭ قارىشىچە بىر قىز بالىنىڭ ئۈمىدۋار ھەم خۇش مىجەز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ قېتىدىن چىققان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئۆزىنى ئىتراپ قىلىشتىن بولىدىكەن؛ بۇنداق ئۆزىگە  ئىشىنىدىغان ھەم ھەر دائىم خۇشال يۈرىدىغان قىزلار، ئادەتتە ناھايىتى مەپتۇن قىلارلىق سىھرىي كۈچىگە ئىگە كىلىدۇ. ئەرلەر سىرتتا خىزمەت قىلىش سەۋەبىدىن، جەمئىيەتنىڭ ناھايىتى چوڭ بېسىمىغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئايالىنىڭ خۇشال كەيپىيات بىلەن ئۇنىڭمۇ كەيپىياتىنى تەڭ كۆتۈرۈپ روھلۇق قىلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号