ئاياللارنى ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قويىدىغانلار، كۆپىنچە ھاللاردا "ياخشى ئەرلەر" دۇر!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئاياللار ناچار ئەرلەر تەرپىدىن كۆڭلى ئازار يەپ، قاراڭغۇ كىچىلەردە يالغۇز يىغلاپ " ئىچىنى بۇشىتىۋاتقان" ۋاقتىدا، ھەمىشە بۇندىن كىيىن چوقۇم ئۆزىنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىدىغان بىر ياخشى ئەر كىشى تېپىشقا بەل باغلايدۇ. ئەمما ئۇلار بەزى ياخشى ئەرلەرنىڭ ھەتتا ناچار ئەرلەرچىلىكمۇ بولالمايدىغىنىنى بىلمەيدۇ، گەرچە ئۇ ياخشى ئەرلەرنىڭ نۇرغۇن ئىسىل پەزىلەتلىرى بولسىمۇ، مۇلايىم ھىسياتچان كەلسىمۇ ۋە ياكى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەلەيدىغان بولسىمۇ! چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئاياللارغا ياخشى بىلىنگەن بۇ ئىسىل پەزىلەتلەر، كىيىنچە ئاياللارنىڭ ئېغىر ئازابلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بۇلۇپ قالىدۇ .
ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولغان ئەركىشى
ئۆز ئايالىنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىتىدۇ
ياخشى ئەرلەرنىڭ كۈرنەرلىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرسى – ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار كىلىشتۇر. توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ خىل پەزىلىتىنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايدۇ ،چۈنكى ئۇلار ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار كەلگەن ئەر كىشى ئايالىغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ بىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، بۇخىلدىكى ئەرلەر ئايالىنى چوقۇم ناھايىتى ياخشى ئاسرايدۇ ؛ ئەمما ئاياللار بىر نوقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بۇلۇپ، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار كەلگەن ئەرلەر ئادەتتە ئۆز ئانىسى بىلەن ئايالى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىتەرەپ قىلىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.
قېينئانا –كىلىن مۇناسىۋىتى، مۇرەككەپ بولغان ئۈچ بۇرجەكلىك مۇناسىۋەت بۇلۇپ، ئىككى ئايال كىشى ئوخشاش بىر ئەر كىشىنى ياخشى كۈرىدىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشى تەسكە توختايدۇ.
ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار ئەرلەر ئادەتتە، ئايالى ئانىسى تەرەپتىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، پەقەت " ئاناممۇ بىزگە ياخشى بولسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلىدۇ، دۇنيادا نەدىمۇ خاتا ئىش قىلىپ قويىدىغان ئاتا-ئانا بولسۇن؟ سىز يەنىلا كۆپرەك سەۋىر قىلىڭ " دەپلا بولدى قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاياللار ئۆزى ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقىنى ئىزھار قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ، ئىرىنىڭ كۈيۈنىشى ۋە كۆڭۈل بۈلۈشىگە ئىرىشەلمەيلا قالماي، بەلكى ئىرى تەرەپتىن كۆڭلى چوڭقۇر ئازار يەيدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئاياللاربارغانسىرى مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، نىكاھىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئاخىرىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قەلبى جاراھەتلەرگە تولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەك ! ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار كەلگەن ئەرلەر ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى، ئەمما ئۇ ئەر كىشى ھەممە ئىشتا ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا، ئانام سۆزلىگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم توغرا دەپ تۇرۋالىدىغان بولسا، ئۇنداقتا سىز بۇ خىلدىكى ئەركىشى بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى قايتىدىن ياخشى ئويلىشىپ باقسىڭىز بۇلىدۇ .

ئۆيگە قارىشىدىغان ياخشى ئەرلەر
ئايالىغا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋيىدىكى تۇرمۇش ئەكىلەلمەيدۇ
ئۆيگە قارىشىدىغان ياخشى ئەرلەر ئادەتتە ئايالىنىڭ ئۆي تۇتۇشتىكى جاپاسىنى چۈشىنىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ سىرتتىكى تىرىشىشى ئىلېپ كەلگەن جاپاسىنى زىيادە ئاشۇرۋەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رەتلەش يۇيۇش دىگەندەك ئۆي ئىشلىرى گەرچە كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئازراق پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئىگىلىپ سارغىيىپ يۈرگىنىگە ئوخشاش جاپالىق ؛ شۇڭلاشقا ئۇلار ئايالىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىكار ۋاقىتلىرىدا ئايالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدۇ.
ئادەتتە ئۆيگە قارىشىدىغان ياخشى ئەرلەرنىڭ يەنە بىر بەلگىسى – ئۇلارنىڭ زىيادە يۇقىرى ئارزۇ ئىستەكلىرى بولمايدۇ. ئۇلار خىزمەت جەريانىدا باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشمەيدۇ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئەتراپىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. سىز ئۇلارغا ھەر نىمىلەرنى دىسىڭىزمۇ، ئۇلار ھەمىشە " مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن ناھايىت رازى " دىگەن ھالەتنى ساقلاپ، ئازراقمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئەرلەرگە ياتلىق بولسىڭىز، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىر تۈردە داۋاملىشىدىغان بۇلۇپ، كۈنلىرىڭلار ناھايىتى ئاددى ھەم ئەھمىيەتسىز ئۆتىدۇ .
شۇڭلاشقا، ئەگەر سىز نۇرغۇن ئارزۇ –ئارمانلىرىڭىز بار، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋيىدىكى تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان بولسىڭىز، بۇنداق ياخشى ئەرلەر بىلەن تويلىشىشنى قايتىدىن ئويلىشىپ بېقىشڭىز كىرەك بۇلىدۇ .

مۇلايىم ۋە كۈيۈمچان كەلگەن ياخشى ئەرلەر
كۈپىنچە ھاللاردا مۇستەقىل قارىشى يوق لىڭتاسما كىلىدۇ
ھەر قانداق بىر ئايال كىشى مۇلايىم بىر ئەر كىشىنىڭ كۆڭۈل بۈلۈشى ۋە ئاسرىشىغا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، خىزمەتتە جاھاننى لەرزىگە سالغۇدەك ھەيۋىسى بار خارەكتىرى كۈچلۈك ئاياللارمۇ، ئائىلىدە مۇلايىم بىر ئەر كىشىنىڭ كۆڭۈل بۈلۈشىگە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىشتىن مۇستەسنا ئەمەس .
لىكىن مۇلايىم ئەرلەرنىڭ يەنە بىر خىل "ماركىسى" بار بۇلۇپ، ئۇ بولسىمۇ مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق، لىڭتاسما كىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ھەممە ئىشتا "سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىشى"، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەنلىكىدىن بۇلۇشى مۇمكىن .
ئاياللار ھەممىسى، كىيىنكى ئۆمرىنى "ئوغۇل بالىدەك" كەلگەن ئەرلەرگە تاپشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئىرى ئۈچۈن ھەر خىل كىچىك ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىپ ئۆتۈشنى خالىمايدۇ.
شۇڭلاشقا ئاياللار مۇبادا مۇستەھكەم بىر تايانچقا ئىرىشىشنى ئويلىسا، مۇلايىم كۈيۈمچان كەلگەن ئەرلەر بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى ياخشى ئويلۇشۇپ بېقىشىغا توغرا كىلىدۇ .
قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدىغان ياخشى ئەرلەر
ئادەتتە ئىچى تار، پىخسىق كىلىدۇ
قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بىرە قۇر يىڭى كىيىم سېتىۋىلىشقا، سىرتقا چىقىپ بىرەر ۋاق تاماق يىيىشكە، قىسقىسى خەجلەشكە تىگىشلىك بولمىغان ھەرقانداق ئىشقا پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيمايدۇ. ئۇلار پۇللىرىنى ئىشلىتىدىغان جايلارنى قايتا قايتا ئويلۇنۇپ، ھەقىقەتەن پۇل خەجلەشكە ئەرزىگۈدەك بولسا ئاندىن يانچۇقىدىكى پۇلنى چىقىرىدۇ؛ بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئادەتتە كۈن ئۆتكۈزۈشنى بىلىدىغانلاردىن ھىسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇلار سىز ۋە بالا ئۈچۈنمۇ پۇل خەجلەشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئۇلار قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدىغان ئەمەس بەلكى سېپى ئۆزىدىن "پىخسىق" بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ ؛ بۇنداق ئەرلەرگە نىسبەتەن پۇل ۋە مال دۇنيا تېخىمۇ جەلىپكارلىققا ئىگە بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.
بۇ خىلدىكى ئەرلەر گەرچە چوڭچىلىق قىلىپ قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدىغان، ھەر ھالدا ياخشى ئەرلەرنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار پۇل مالنى ھاياتىنىڭ بارلىقى دەپ بىلىدۇ. بۇنداق ياخشى ئەرلەردىن ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى يېراق تۇرغىنى تۈزۈك.

ياخشى ئەر بولسا نىمە بۇلۇپتۇ؟ ئەگەر ئۇلار لىڭتاسما كەلگەن، خىزمەتتە ھېچقانداق ئالغا ئىنتىلىش روھى يوق، پىخسىق بولسا، ئاياللارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرەلمىسە، ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى ياخشى ئەرلەر بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى ياخشى ئويلۇشۇپ بېقىش كىرەك.