ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىر قېتىمدا تۆتكىزەك تۇغقان بۇ ئايال يەنە نىمىگە ئەپسۇسلىنىدىغاندۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   گەرچە ھازىرقى دەرۋىمىزدە قەدىمقى بەزى ئەنئەنىلەر ئاساسەن قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇغۇنلىغان 90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان ياش ئاتا-ئانىلاردا ئوغۇل بالىنى ئەتىۋارلاپ، قىزبالىنى خار كۆرىدىغان قاراش يەنىلا مەۋجۇت؛ بۇيىل 27 ياشقا كىرگەن شىياخۇڭ دەل مۇشۇنداق ئىدىيىسى بار بىر ئانا. شىياۋخۇڭ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىر جۈپ قوشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، ھازىر ئۇلار يەسلىگە بارغۇدەك بولۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما شىياۋخۇڭ ئازراقمۇ خۇشال بولالمايۋاتاتتى؛ چۈنكى ئۇ ۋە ئىرى ھەر ئىككىسى بىر ئوغۇل بالىلىق بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. بۇ سەۋەپلىك شىياۋخۇڭ ئىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، بىر يىلغا بارمايلا ئىككىنچى ھامىيلىگە قورساق كۆتۈردى؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەممىسى كۆڭلىدە بۇ قېتىم چوقۇم ئوغۇل تۇغۇلىدۇ دەپ ئويلايتتى.
    شىياۋخۇڭ ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەھۋالىنىڭ بىرىنچى قېتىم قورساق كۆتۈرگەنگە پۈتۈنلەي ئوخشىماي قالغانلىقىنى بايقىدى؛ بۇ قېتىم ئۇنىڭدا ھېچقانداق سىزىك ئالامەتلىرى يوق بولۇپ، ئۇ يا كۆڭلى ئېلىشمايتتى، يا قۇسۇپ ياندۇرمايتتى؛ بۇندىن باشقا تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى، ئۇ ھامىلدار بولغىلى ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان ۋاقىتتا، قورسىقى 8 ئايلىق بولغان ئادەمنىڭكىدەك يوغىناپ كەتكەن ئىدى. نەتىجىدە ئۇلار دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن ۋاقىتتا، شىياۋخۇڭنىڭ تۆتكىزەك بالىغا ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلدى؛ بۇنى ئاڭلاپ شىياۋخۇڭ بىلەن ئىرى سەل گاڭگىراپ قالغاندەك بولدى. ئەمدىلىكتە ئۇلار قورساقتىكى بالىنىڭ تۆتكىزەك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىھتىياتچان بولۇپ كەتتى ھەمدە تۆتكىزەكنىڭ ئىچىدىن ھېچبولمىغاندا بىرەرسى بولسىمۇ ئوغۇل بالا چىقار دەپ ئويلاپ كۆڭلىنى خوش قىلىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى.
    شىياۋخۇڭنىڭ قورسىقى بارغانسىرى يوغىناپ كىتىۋىرىپ، ھامىلدار بولغىلى 33 ھەپتە بولغان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىزلا مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇتى قسىتاپ قالدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەم خۇشاللىق ھەم جىددىلىك كەيپىياتى ئىچىدە شىياۋخۇڭنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەندىشە ئىچىدە ساقلاۋاتقاندا، شىياۋخۇڭنى تۇغدۇرۇشقا مەسئۇل سېستىرا چىقىپ، ئۇلارغا بالىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلغانلىغىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆتكىزەكنىڭ ھەممىسىنىڭ قىز بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى...
     بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى قاتتىق ئۈمۈدسىزلىككە چۆمدى؛ شىياۋخۇڭنىڭ ئىرىمۇ سەل گاڭگىراپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتكىنىچە، بېرىپ بالىسىنى قولىغا ئالدى.
    تۆتكىزەك بوۋاقنى ئېچىقىپ بەرگەندىن كىيىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ، شىياۋخۇڭ تېخى بۇ ۋاقىتقىچىلىك تۇغۇت ئۆيىدىن چىقمايۋاتاتتى؛ ئىرى بىرەر ئىش بولۇپ قالدىمۇ نىمە دەپ ئەنسىرەپ، ئەمدى بېرىپ دوختۇردىن سوراي دەپ تۇرغىنىدا، دوختۇر ئۆزى پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا شىياۋخۇڭنىڭ توختىماستىن يىغلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە دوختۇرلانىڭ ئۇنى يېغىدىن توختىتالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ كىرىپ شىياۋخۇڭغا نەسىھەت قىلىپ قويىشىنى دىدى. ئەسلىدە شىياۋخۇڭ بۇ قېتىم يەنە ئوغۇل تۇغۇپ بىرەلمىدىم، مەن يارىماس ئىكەنمەن دەپ كۆڭلى بىئارام بولۇپ يىغلاۋاتقان ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ، مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا بىزنىڭ بالىمىز دىگىنىچە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇغۇت ئۆيىدىن ئېلىپ چىقتى.
    بىر ئائىلىدە 6 قىز پەرزەنت بولسا، گەرچە ئائىلە باشقىچە ئاۋاتلىققا تولىدىغان بولسىمۇ، لىكىن شىياۋخۇڭ بىلەن ئىرى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالماي، كۆڭلى يەنىلا ئارماندا قالدى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号