كلونلىغان گۆش تاماق ئۈستىلىگە چىقسا، يىيىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسانلار كلون گۆش ئىستىمال قىلىشقا باشلىغان!
ئىلگىرى ئالىملار كلون تېخنىكىسىنىڭ ھالقىلىپ پىرىنسىپى—DNA مولىكولا تۈزلۈش قۇرۇلمىسىنى بايقاشتىن بۇرۇن، فانتازىيىلىك رومانلاردا "كلون ئادەم" ۋەقەلىكلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ ناھايىتى يازغۇچىلارنىڭ خىيالى ئىدى. بىراق كلون تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە مۇكەممەلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل پەن-تېخنىكىغا بولغان قىزىقىش تۇيغۇسى ئېشىپ بارماستىن، ئەكسىچە بۇنىڭغا قارىغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھالىتى شەكىللەندى. ئەمما بۇلار كلون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى توسۇشقا ئامالسىز ئىدى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە بويا گېن تېخنىكىسى (تىيەنجىن) چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بويا شىركىتى دەپ ئاتىلىدۇ)، تىيەنجىن شەھەرلىك ئېچىۋىتىلگەن رايون باشقۇرۇش كومتىتى بىلەن ستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىق كىلىشىمنامىسى تۈزگەن بولۇپ، تىيەنجىن شەھىرى ئېچىۋىتىلگەن رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ "كلون زاۋۇتى" قۇرۇپ چىققان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كلون زاۋۇتى بىرىنچى قارارلىق مەبلەغ سوممىسى 200 مىليون يۈەن، ئومۇمى كىتەرلىك مەبلەغ سوممىسى بولسا 3 مىليارد يۈەنگە يىتىدىغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتتا كەلگۈسىدە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋانات كلون تەجىربىخانا ئاقما لىنيىسى، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى كلون ھايۋاناتلار مەركىزى، جانلىقلار كۆپ خىللىق گېن مەنبىيى ئامبىرى ۋە پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىقلار قۇرۇلىدىكەن. زاۋۇتنىڭ شۇغۇللىنىدىغان تۈرلىرى ئەلا سۈپەتلىك كەسپى ماھارەتلىك ئىت، ئەرمەك ئىت، ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان پىرىماتلار (灵长类) تۈرى، ئەلا سۈپەتلىك كالا گۆشى، ئالى دەرىجىلىك مۇسابىقە ئېتى قاتارلىق ھايۋانات كلونلاش كەسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كلون تېخنىكىسىنىڭ ھازىرقى زامان چارۋا مال سورتىنى ياخشىلاش جەھەتتە قوللىنىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تىزلىتىدىكەن ۋە ئالاھىدە كىسەللىك ئەندىسىزىدىكى ھايۋاناتلار بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگىنى، كلون تېخنىكىسى ھەققىدىكى ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان بەس-مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىشلار بولدى. ئىلگىرى، 2005-يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى، 59-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قانۇن كومتىتى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن "ئىنسانلار كلون تېخنىكىسى خىتابنامىسى"نى بىلەت تاشلاپ قاراردىن ئۆتكۈزۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش خارەكتىرىدىكى كلون تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىنسانلارنى كلونلاش قىلمىشىغا قارىتا چەكلەش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغان. بۇ خىتابنامىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى، گوندۇراس ئوتتۇرغا قويغان لاھىيە بولۇپ، ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىنسانلارنى كلونلاش قىلمىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە "بۇ خىل قىلمىش ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرىغا ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش پىرىنسىپىغا مۇخالىپ كىلىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق زۈرۈر بولغان ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، قوللىنىشچان ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى جەھەتتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تۇلۇق دەرىجىدە قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خىتابنامە گەرچە 84 بىلەت بىلەن قاراردىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىز قاتارلىق 34 دۆلەت ۋە رايون قارشى تۇرۇش بىلىتى تاشلىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كۆپىيىش خارەكتىرلىك كلون تېخنىكىسى—يەنى كلون ئادەم يىتىشتۈرۈش بىلەن داۋالاش خارەكتىردىكى كلون تېخنىكىسىنى—يەنى ئىنسانلار تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە قارىتا كلون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنپ تەتىقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئايرىپ قاراش لازىم ئىكەن. ئەگەر داۋالاش خارەكتىرلىك كلون تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەندە، پۈتۈن يەرشارىدا تەخمىنەن 100 مىليونغا يېقىن ياشانغانلار گالۋاڭلىق كىسىلى، راك كىسىلى، دىئابىت ۋە يۇلۇن كىسەللىكلىرى بىمارلىرىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۈمىدى يوققا چىقىدىكەن.
ھازىر، ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ كلون زاۋۇتى 2016-يىلنىڭ بېشىدا ئىشقا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما گۇمانلىق قاراش ۋە پىكىرلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
كەڭ خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئەمدى تېخى "گېن يۆتكەش" ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ تۇرغاندا، ھازىر "كلون گۆش"نى تاللاش مەسىلىسى ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى. ئۇنداقتا كلون تېخنىكىسى بىلەن گېن يۆتكەش تېخنىكىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئادەتتىكى كالا گۆشى بىلەن كلونلانغان كالا گۆشىنىڭ قانداق پەرقى بار، بۇنى سۈنئى ياسالغان كالا گۆشى دىيىشكە بولامدۇ؟

بېيجىڭ ئونۋىرستىتى بويا پاي كونتىرول گۇروھى باش لىدىرى شۈ شىياۋچۈن، "جۇڭگۇ پەن تېخنىكا گىزىتى" مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، كلون تېخنىكىسى بىلەن گېن يۆتكەش تېخنىكىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گېن يۆتكەش تېخنىكىسى بولسا، سۈنئى ئۇسۇلدا ئايرىپ ئېلىنغان ھەمدە ئوڭشاپ ياخشىلانغان گېننى جانلىق تېنىدىكى گېن گۇرۇپپىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، جانلىق تەن شەكلىنىڭ ئىرسىيەت قالىدىغان ھالەتتە ياخشىلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدىكەن؛ كلون تېخنىكىسى بولسا، جانلىق تېنى تەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ جىنسىيەتسىز كۆپىيىشى ۋە جىنسىيەتسىز كۆپىيىش شەكىللەندۈرگەن گېن تىپى ئارقىلىق، ئەسلى جانلىققا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان يەككە ئەۋلادتىن تۈزۈلگەن يىڭى توپ شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدىكەن.
كلون گۆشنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىك مەسىلىسىگە كەلسەك، 2001-يىلىدىن باشلاپ ئامىرىكا يىمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى، كلونلانغا ھايۋانلارنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ھەمدە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا كلونلانغان ھايۋانلارغا قارىتا نەچچە يۈز قېتىملىق تەجىربە ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ كىيىنكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كلونلانغان كالا، چوشقا ۋە ئۆچكىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىۋاتقانغا ئوخشاش بىخەتەر بولىدىكەن؛ ئۇزۇقلۇق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كلون گۆش تەركىبىدىكى ۋىيتامىن، مىنرالنى ماددىلار، ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتالىرى، ياغ قاتارلىقلار ئۇزۇقلۇق تەركىبىلىرىنىڭ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تەبىئى بېقىپ يىتىشتۈرگەن ئوخشاش تىپتىكى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن، ئۇلارنىڭ گۆشىدىمۇ ھېچقانداق پەرق يوق ئىكەن.
شۈ شىياۋچۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئەنگىلىيەدىكى مۇناسىپ تارماقلارمۇ، ئامىرىكا يىمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى چىقارغان خۇلاسىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان خۇلاسىگە ئىگە بولغان بولۇپ، كلون گۆشنى بىخەتەر دەپ قارىغان. بۇلاردىن باشقا ياپونيەمۇ ئامىرىكىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان تۈزۈم بىكىتىپ چىققان بولۇپ، كلون گۆشلەرنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا يول قويغان ھەمدە قايتا "كلون" بەلگىسى چاپلىمىسىمۇ بولىدىغانغا رۇخسەت قىلغان.

ئىنسانلار ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان گۆش تۈرلىرى ئىچىدە، بويا شىركىتى كالىنى كلونلاشنى تاللىغان. شۈ شىياۋچۈننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ كالا گۆشلىرىنىڭ سۈپىتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، ئەمما ئىھتىياج ئۆزلۈكسىز تۈردە ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، كلون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تىز سۈرئەتتە ئەلا سۈپەتلىك نەسىللىك كالا توپى قۇرۇپ چىقىشقا بولىدىكەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىز كالا گۆشىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. بۇ سەۋەپتىن، بويا شىركىتى ھازىر دۇنيادا ئورتاق ئىتراپ قىلىنىدىغان، ئەڭ ياخشى نەسىللىك گۆش كالىسى—خېنىيۇ كالىسى ۋە كورىيەلىكلەر ئىنتايىن ئالقىشلايدىغان كورىيە كالىسىنى نەسىل قىلىپ كلونلاش ئېلىپ بارغان. كلونلاپ چىقىلغان بىرىنچى ئەۋلاد كالا موزايلىرى يەنىلا نەسىللىك كالا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى ئەۋلادتىن باشلاپ ئاندىن گۆش كالىسى سۈپىتىدە بازارغا سېلىنىدىكەن.
چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى تۇنجى كلونلاپ چىقىلغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان—شوتلاندىيىدىكى كلونلانغان قوي "دورى"نىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە ھازىر 20 نەچچە يىل بولغان بولغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئىستىمالچىلار بەلكىم ئۆزى ئىچىۋاتقان كالا سۈتى ياكى گۆشنىڭ كلونلانغان ھايۋانلاردىن كەلگەن ياكى ئەمەسلىكىگە قىزىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
قىسقىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى "ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن". بىراق ئەمىلىيەتتە بولسا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى ئۇسۇلدا تېخى ئىنىق جاۋاپ بەرگىلى بولمايدىكەن؛ باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كلون ھايۋانلارنى تېخىمۇ چەكلەيدىغان ياۋرپادىمۇ شۇنداق ئىكەن.