ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇئايال 23يىلدا 38 بالا تۇغۇپ، دۇنيا تۇغۇت چىمپىيونىغا ئايلاندى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئافرىقىلىق بۇ ئايالنىڭ ئىسمى مارىمەن. نابوتا بولۇپ، بۇ يىل تېخى ئەمدى 38 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاللىقاچان 38 بالىغا ئانا بولغان. بۇ 38 بالىنىڭ ھەممىنى ئۇ ئىلگىرىكى 23 يىلدا ئۆزى تۇغقان بولۇپ، ئۇ ھازىر دۇنيادىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ كۆپ بالا تۇغۇش رىكوتىنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئايلانغان.
   بۇ ئايال تۇرۇشلۇق جايدا، ئادەتتە يېشى كىچىكلا توي قىلىدىغان بولۇپ، ئىرق ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن، ئۇ جايدىكى قىزلار باشقا قۇرۇقلۇقتىكىلەرگە قارىغاندا بالدۇر يىتىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك مارىمەن 1993-يىلى 12 ياش ۋاقتىدىلا توي قىلغان بولۇپ، ئۇ 13 ياش ۋاقتىدا بىر جۈپ قوشكىزەك بالا تۇغقان؛ كىيىنكى يىلى ئۇ ئۈچكىزەك بالا تۇغقان؛ 17ئايدىن كىيىن، ئۇ تېخى بىر قېتىمدا تۆتكىزەك بالا تۇغقان.
   كىيىنكى قېتىملىق تۇغۇتىنىڭ كۆپ قېتىمىدا ئۇ بىر قېتىمدا قوشكىزەك ياكى ئۈچكىزەك، تۆتكىزەك تۇغقان؛ ئۇنىڭ ھازىرقى 38 بالىسىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن قوشكىزەك، تۆت جۈپ ئۈچكىزەك ۋە ئۈچ جۈپ تۆتكىزەك تۇغۇلغان جۈپتەك بالىلار بار؛ ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئونىلا قىز تۇغۇلغان بولۇپ، قالغان يىگىرمە سەككىزى ئوغۇل بالا ئىكەن. ھازىر ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى 23 ياشقا كىرگەن، ئەڭ كىچىكى بولسا ھازىر ئەمدى 4 ئايلىق بولغان.
   مارىمەننىڭ پۈتكۈل ھەمدە بىردىنبىر خىزمىتى بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بولۇپ، ئۇ كۈندە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئالدىراش، باشقا ۋاقىتلاردا ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغۇش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسدىكى پۇل تېپىپ چىقىمنى قامداش ئېغىر ۋەزىپىسى ئۇنىڭ ئىرى بىر ئادەمگە يۈكلىنىپ قالغان.
   تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى بالا، مارىمەننىڭ بالىلىرى ئىچىدىكى بىر جۈپ قوشكىزەكنىڭ ئىچىدىكى چوڭى بولۇپ، ئۇنىڭ ئسىمى فىلىس؛ بۇ شاكىچىك ناھايىتى قاملاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن ئەقىللىق بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالاھىدە ئامراقلىق كۆرسىتىشىگە ئىرىشكەن؛ گەرچە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە فىلىسنىڭ ئاكا-ئىنى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى يەنىلا باشقىلاردىن پەرقلىق ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.
   تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى قىز بولسا، فىلىسنىڭ قوشكىزەك سىڭلىسى رىسا بولۇپ، ئۇمۇ ئاكىسىغا ئوخشاشلا چىرايلىق ۋە شوخ ھەم ئەقىللىق كەلگەن؛ بۇ ئىككىسى 38 بالىنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئوغۇل-قىز قوشكىزەك تۇغۇلغان بالىلار بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.
   ئادەتتە كىشىلەر "بىر پۇتبول كاماندىسى تەشكىللىگۈدەك بالا تۇغۇپتۇ" دىيىش ئارقىلىق، بىر ئائىلىنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك ئىكەنلىكىنى سۈپەتلىشىدۇ؛ ئەمما مارىمەن ئەرلەر كوماندىسىدىن ئىككىنى تەشكىللەپ يەنە ئاشقىچىلىك ئوغۇل بالا ۋە بىر ئادەم كەملەيدىغان ئاياللار پۇتبول كوماندىسى تەشكىللىگۈدەك قىز بالا تۇغقان بولۇپ، بۇ كەپسىز شاكىچىكلەر بىر يەرگە كەلگەندە قانداق مەنزىرلەر ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يىتىشكە بولىدۇ.
   ئەمما مارىمەن ئەمدى بۇ ئائىلىگە قايتا ئەزا قوشالمايدىغان بولدى. چۈنكى، ئۇ ئەڭ كىچىك بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، دوختۇرلار ئۇنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكى، ئادەتتىكى نورمال ئاياللارنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ مۇنچە كۆپ بالا تۇغالىشىدىكى سەۋەپ ئىكەن؛ ئەمما ئۇنىڭ بەدىنى ئىشلەپ چىقارغان تۇخۇملارنىڭ ئىچىدە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھامىيلىگە ئايلانغاندىن سىرت، قالغان ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ئۇنىڭ بالىياتقۇسىدا يېغىلىپ قېلىپ، ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى ئۇنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىغا خېلى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن؛ شۇڭا دوختۇرلار ئۇنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئامالسىز ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنى كسىپ ئېلىۋەتكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号