بىر بالىغا بەش دادا؟ بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
داۋىد، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش تېخنىك ئۇستىسى بولۇپ، 2007-يىلى ئۇ بۇ كەسىپكە قەدەم قويغاندىن بويان، ئۇنىڭ قولىدىن ئۆتكەن ھاۋالە ئونمىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە، ئۇ چىقىرىپ بەرگەن بىر ۋاراق ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش نەتىجە قەغىزى سەۋەپلىك ۋەيران بولغان؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا "نىكاھ ئاياغلاشتۇرغۇچى" دەپ نام بەرگەن.
ئىلگىرى داۋىدنىڭ ئالدىغا ئاساسلىقى ئەر كىشى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىپ بىرىشى ئۈچۈن كىلىدىكەن؛ ئەمما ھازىر كۆپىنچە قىزلار ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، قورسىقىدىكى بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، داۋىدنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىىتپ بىرىشى ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كىلىدىكەن.
داۋىدنىڭ دىيىشىچە، ئىلگىرى بۇنداق ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئوننىڭ ئىچىدىن بىرسىنىڭ كۆرۈلۈشىمۇ تەس ئىكەنتۇق؛ ئەمما ھازىر ئۈچ-تۆت ھاۋالىنىڭ ئىچىدە بىرسى چوقۇم بۇ خىل ئەھۋال بولۇپ چىقىدىكەن.
ھەممىدىن بەك مۇبالىغىلىشىپ كەلگىنى، بىر قېتىم بىر قىز بەش ئەر كىشىنى باشلاپ داۋىدنى ئىزدەپ كىلىپ، داۋىدنىڭ بۇ بەش ئەر كىشىنىڭ ئىچىدىن قايسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىپ بىرىشىنى ئېيتقان؛ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بەش ئەر كىشىمۇ، نەتىجىدە كىمنىڭ بالىسى چىقسا، شۇنىڭ ئۇ قىز بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى، ئىلگىركى ئىشلارنى قايتا سۈرۈشتە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
رەسمى بولمىغان سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن تۆت قېتىملىق ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش ھاۋالىسىنىڭ ئىچىدە بىرسى، تەكشۈرتكۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئەمەس چىقىدىكەن.
ئىلگىرى 50 نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان بىر دېھقان، 20 نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بالىسى ئۈچۈن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتمەكچى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ پەقەت بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ئەمەسلىكىنىلا بىلىپ باقماقچى بولغان؛ نەتىجىدە بۇ بالا ئۇنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەس چىققاندىن كىيىن، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ ئايالىنىڭ ئىككى پۇتىنى چېپىپ ئۈزىۋەتكەن.

كىيىن بۇ دېھقان ساقچىلار تەرپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن، ئەسلىدە ئايالىنىڭ پۇتىنى چېپىپ ئۈزۈۋەتكەندىن كىيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەقەدىن كىيىن، داۋىد بىر مەزگىل جىمىپ كەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ چىقىرىپ بەرگەن تەكشۈرۈپ بىكىتىش دوكلاتى يۇقارقى تىراگىدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئەگەر ھاۋالە قىلغۇچى بالىنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، ئۇنداقتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نىكاھى بەلكىم بۇزۇلۇپ كىتىشتىن ساقلانغان ھەمدە بالىلارمۇ تەسىرگە ئۇچرىمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كىيىنچە، بۇ ئىشلارمۇ داۋىدنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەن. چۈنكى بىر ئادەم بىرەر ئىشتىن گۇمانلانغان ۋاقىتتا، ئۇ چوقۇم بىرەر ئىزنانى بايقىغان بولىدۇ؛ ئەگەر بۇخىل گۇمان ئۇرۇقلىرىنى ۋاقىتىدا يوقاتمىغاندا، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئادەم خامۇشلىشىپ، تۇرمۇشى ئوخشاشلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ بۇنداق بولغاندىن كۆرە، بالدۇرلا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىپ، ئەھۋالنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرغان ياخشى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالداشقا ئۇچرىغان ئادەممۇ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىشكە ئەسلىدىنلا ھوقۇقلۇق بولىدۇ.
ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەنگەن پاسسىپ تەسىرىلىرى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ياردەم بىرەلەيدىغان ئىجابى روللىرىمۇ بار.
ئىلگىرى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بىر كىچىك بالىنى ئېلىپ، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشكە كەلگەن؛ ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ، داۋىدقا بۇ كىچىك بالىنىڭ بەلكىم ئۇلارنىڭ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۈتۈپ كەتكەن بالىسى بولىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەسلىدە بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ بالىسى بىر ياش ۋاقتىدا، ئادەم بىدىكلىرى تەرپىدىن ئالداپ ئېلىپ قېچىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا باشقا بىر جۈپ تۇغماس ئەر-خوتۇن بۇ بالىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغان. ئەمما كىيىن بۇ توغماس ئەر-خوتۇن ئۆزلىرى داۋالىنىپ ساقايغاندىن كىيىن بىر جۈپ قوشكىزەك تۇغقان؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇلار ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سېتىۋالغان بالىنى دارىلتامغا ئاپىرىپ بەرگەن؛ ئاخىرىدا بۇ بالا ئۆز ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن بايقىلىپ داۋىدنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىلىنگەن.

داۋىد ئۇلار ئۈچۈن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، نەتىجىدە بالا راستىنلا ئۇلارنىڭ ئۆز بالىسى بولۇپ چىققان؛ بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنمۇ خوشاللىق ئىچىدە بالىنى ئېلىپ قايتىپ كەتكەن.
ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشنىڭ يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى بار؛ مەسىلەن گېن سالاھىيەت گۇاھنامىسى دىگەنگە ئوخشاش.
داۋىدنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر كىچىك بالىلار ئالدىن گېن سالاھىيەت گۇاھنامىسى قالدۇرسا، ئەگەر بىرەر كۈنى ئۇلار تاسادىبى يوقاپ كىتىپ قالسا، ساقچى تەرەپ ئۇلارنى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن، گېن سالاھىيەت گۇاھنامىسى ئارقىلىق شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ چىققىلى بولىدىكەن. ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشنىڭ بۇندىن باشقا يەنە گېن تەكشۈرۈش، راك كىسەللىكلىرى تەكشۈرۈپ ئايرىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم رولى بار ئىكەن.