ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يات جىنىسلىق دوستلار ھەرقانچە يېقىن بولسىمۇ ، بۇلارنى قىلىشقا بولمايدۇ !
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
1.  ئىمكان قەدەر يالغۇز بىرگە تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ   
      يات جىنىسلىق دوستلار ، مۇناسىۋىتى ھەر قانچە يېقىن بولسىمۇ ، ئىمكان قەدەر يالغۇز بىرگە تۇرماسلىقى لازىم . ئويلىنىپ باقسىڭىز بۇلىدۇ : كىچىككىنە بوشلۇق ، ھاۋا ئىللىق كەيپىياتقا تولغان ، بىر بىرىگە ئازدۇر كۆپتۇر ياخشى قارىشى بولغان ئەر ئاياللار بىر بوشلۇقتا يالغۇز تۇرغۇنىدا ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىربىرىگە قارىتا ھىسيات تۇغۇلۇپ ،ئاسانلا قىزىققانلىق قىلىپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ئەھۋال بۇلۇپ قالىدۇ ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ .
مۇبادا سىزنىڭ يات جىنىسلىق دوستىڭىز بىلەن بىرگە بۇلىدىغان ۋاقتىڭىز ، ئۆيدىكى جۈپتىڭىز بىلەن بىللە تۇرىدىغان ۋاقتىڭىزدىنمۇ كۆپ بولسا ، بىرەر ئەھۋال كۆرلۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ . شۇڭلاشقا يات جىنىسلىق دوستىڭىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا ،بىخەتەر ئارلىقنى ساقلاپ ، ئۆزىڭىزگە ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىڭىزگە مەسئۇل بۇلۇشىڭىز كىرەك .
2.  يات جىنىسلىق دوستىڭىزغا دەرت ئېيتماڭ
     سىز ئائىلىڭىزدە جۈپتىڭىز بىلەن خاپا بۇلۇشۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ، يات جىنىسلىق دوستىڭىز ياكى خىزمەتدېشىڭىز ئالدىدا بۇ توغرۇلۇق دەرت تۆكمەڭ . ئەگەر سىز يات جىنىسلىق دوستىڭىز ياكى خىزمەتدېشىڭىز ئالدىدا ئائىلىڭىزدىكى ھەمرىيىڭىزغا بولغان نارازىلىقىڭىز ياكى ئائىلىدە ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقىڭىزنى سۆزلەپ دەرت تۆكسىڭىز ، ئەگەر قارشى تەرەپ گەپكە ئۇستا ھەم سىزگە ماسلىشىدىغان ئادەم بۇلۇپ قالسا ، ئۇنىڭ قىلغان ھەر بىر سۆزى سىزنىڭ يۈرەك پارىڭىزغا تىگىپ ، سىزگە ئۆزىڭىزنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان بىرسىگە يولۇققاندەك ھىس تۇيغۇسى بىرىدۇ . ئەمما بۇخىل ھالەت داۋاملىق داۋاملىشىۋەرسە ،خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماي قالىدۇ ، شۇڭلاشقا ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋىلىشىڭىز كىرەك .
3.  يات جىنىسلىق دوستلىرىڭىز بىلەن ھەددىدىن زىيادە چاقچاقلاشماڭ
    كۆپ ۋاقىتلاردا ئاز تولا چاقچاقلاشقاننىڭ ھېچۋەقەسى يوق ،چاقچاقلىشىش كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ ، بىر بىرىنىڭ ئارلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ؛ ئەمما يات جىنىسلىق دوستلار ئوتتۇرسىدا چوقۇم چاقچاقلىشىشنىڭ چېكى بۇلۇش كىرەكلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ . بەزى چاقچاقلارنى قىلىشقا بۇلىدۇ ، ئەمما بەزى چاقچاقلارنى ھەرگىز قىلىشقا بولمايدۇ . مەسىلەن : بەزى " سېرىق " تۈردىكى چاقچاقلا كۆپ بولغاندا ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ، ئاسانلا مۇھەببەت نوتىلىرى شاخلاپ قېلىش ئىھتىماللىقى بۇلىدۇ ؛ نۇرغۇنلىغان تويلىشىشتىن سىرتقى مۇھەببەتلەر مۇشۇنداق مۇھەببەت نوتىلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ . بۇلۇپمۇ ئاياللار بۇ جەھەتتە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى ، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان چاقچاقلارنى قىلماي ، نىيتى بۇزۇق ئەرلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىگى كىرەك .
4.  بەدەن تىگىشىپ قالىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىڭ
    بۇ تارماق تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئەھۋال بۇلۇپ ، ئاياللارنىڭ دىققەت قىلىشى بەكرەك لازىم بۇلىدۇ . ئەگەر سىز بىرەر ئەر خىزمەتدېشىڭىز بىلەن يېقىن تۇرغىنىڭىزدا ، ئۇ خىزمەتدېشىڭىز پۇرسەت تېپىپ قوللىرىڭىزنى سىلايدىغان ، مۈرىلىرىڭىزگە قوللىرىنى ئارتىلدۇرىغان ئەھۋاللار بۇلۇپ قالىدۇ ؛ خىزمەتدېشىڭىز بىرىنچى قېتىم بۇنداق قىلغاندا سىز كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىشڭىز كىرەك ، شۇنداق  قىلغىنىڭىزدا ئۇ ئىككىنچىلەپ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئەگەر بىرىنچى قېتىمدا كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلمىسىڭىز ،ئۇلار بارغانسىرى ھەددىدىن ئېشىپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号