ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سىناق: كەلگۈسى تۇرمۇشىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى ناھايىتى سىرلىق كىلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئاددى بىر سىناق، سىز پەقەت رەسىم ئىچىدىن سىز ئەڭ ھەشەمەتلىك دەپ قارىغان ئۆينى تاللىسىڭىز، بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسى تۇرۇمۇشىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز!
 
جاۋاپ ئانالىزى
 
A رەسىمنى تاللىغانلار
     سىز كەلگۈسىدە ئۆزىڭىز خالىغان ئىشلارنى قىلالايسىز، كۆڭلىڭىزدىكى ھەقىقى ئىنتىلىدىغان تۇرمۇشقا ئىرىشىسىز.
     سىز مۇستەقىل بىر ئادەم، ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆزىڭىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىسىز. ئەگەر سىزنىڭ پۇلىڭىز يىتەرلىك بولۇپ، پۇل ئۈچۈن يەنە قايغۇرۇپ ئولتۇرمايدىغان بولغان ۋاقىتىڭىزدا، سىز ئۆزىڭىز خالىغاننى قىلىسىز، نەرسە-كىرەك سېتىۋالىسىز، ساياھەت قىلىسىز ياكى چەترەك بىرەر جاينى تېپىپ، خاتىرجەم تۇرمۇشىڭىزنى ئۆتكۈزىسىز.
    بەلكىم سىز ھازىر مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن قايغۇرۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، سىز تېخى ياخشى بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئويلاپ چىقالمىدىڭىز؛ ئەمما سىز ئىشىنىڭكى، سىز ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى مۇكەممەل ھالەتتە ھەل قىلىسىز. بۇندىن باشقا سىز يەنە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر، سىز مەقسىتىڭىزنى ئىپادىلىگەن ۋاقىتتا، باشقىلارسىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ، بۇ ئىژتىمائى مۇناسىۋەت جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
    گەرچە سىز پىكىرلىشىشكە ماھىر بولسىڭىزمۇ، ئەمما باشقىلارغا قەستەن خوشامەت قىلمايسىز؛ چۈنكى سىز تۈز مىجەزلىك بولغاچقا، ئالدىدا بىر خىل كەينىدە بىر خىل بولۇشنى ياكى كۈلۈپ تۇرۇپ جاننى ئالىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى بىلمەيسىز. سىز بەلكىم ياش ۋاقىتلىرىڭىزدا، نۇرغۇن تەجىربىلەرگە ئىگە بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھازىرقى  قىممەتلىك بايلىقىڭىز ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، سىز ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىشىڭىز لازىم.
    مەيلى سىزنىڭ ھازىر پۇلىڭىز بار ياكى يوق بولسۇن، سىز ھەممىدە تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلايسىز. سىز پەقەت تۇرمۇشقا ئىزچىل تۈردە ياخشى پوزۇتسىيىدە بولسىڭىز ھەمدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئىرىشمەكچى بولغانغا ئىرىشىپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلدا تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز.
B رەسىمنى تاللىغانلار
     سىز كەلگۈسىدە چوقۇم تەلەي تەرپىدىن ئورىۋىلىنغان بولىسىز.
    سىز ناھايىتى خوشال ھەمدە تەلەيلىك بىر ئادەم. مەيلى قانداق قىيىنچىلىق يۈز بەرمىسۇن، سىز بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەل قىلىسىز ياكى ئەتراپىڭىزدىكى ئۇرۇغ-تۇققان ۋە دوست-يارەنلىرىڭىز سىز بىلەن بىرلىكتە ئامال قىلىپ بىرىشىدۇ.
    سىز تەلەيگە تولغان بىر مۇھىتتا ياشاۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسىدىمۇ ئۇخشاشلا شۇنداق بولىدۇ؛ ئائىلڭىز بەخىت ۋە گۈزەللىككە، ئىگىلىكىڭىز نەتىجە ۋە مۇۋەپپىقىيەتلەرگە تولغان بولىدۇ. سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى بەكمۇ سۈيىدۇ، كىچىك ۋاقتىڭىزدا مۇئەللىملىرىڭىزمۇ سىزدىن ياخشى خەۋەر ئالاتتى. سز ھەر ۋاقىت يۇرۇق نوقتا ئېلىپ يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ، خىزمەت ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن، نۇرغۇن كىشىلەر سىزگە ئىشىنىدۇ، چىن كۆڭلىدىن سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنى توغرا دەپ قارايدۇ.
    سىز مەيدانىڭىز مۇستەھكەم بىر ئادەم، ئۆزىڭىز چىقارغان قارارغا ئىشىنىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتتىمۇ سىز بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. سىز يەنە قانائەتچان كەلگەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھىسياتىغا ئىتىبار بىرىشنى بىلىسىز، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ قۇبۇل قىلىسىز. بۇنىڭ بىلەن بىرگە سىز ھەرۋاقىت ئائىلىڭىزنى كۆڭلىڭىزگە قاچىلاپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىڭىزدىن خەۋەر ئالىسىز ھەم جۈپتىڭىزگىمۇ يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈسىز. سىز ھەمما ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلىسىز، ھەممەيلەننىڭ خوشال-خورام ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. شۇڭلاشقا سىز ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىز ھازىرقى ھالتىڭىز بويىچە ئىزچىل ئالغا ئىلگىرلەۋەرسىڭىز، تەلەي سىزنى داۋاملىق ئوراپ تۇرىدۇ.
C رەسىمنى تاللىغانلار
    سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز ئىجادىيەت كۈچىگە تولغان بولۇپ، بارلىقىڭىز ئۆزگىرىشلەرگە تولغان بولىدۇ.
    سىز ھەرۋاقىت ئۆزگىرىشنى ئىزدەيدىغان ئادەم،  ئەمما بىرەر نەسىدىن ئارىسالدى بولۇۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن يا بەلكىم قارار چىقىرىشقا جاسارىتىڭىز كەمچىل بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئىزچىل تۈردە تىرىشىپ كىلىۋاتىسىز. تىرىشچانلىق بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ؛ بۇ بەلكىم كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇشى مۇمكىن.
    سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز پۇختا، سەزگەرلۈك بىلەن باشقىلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىۋالالايسىز؛ شۇڭلاشقا سىز ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشقا نىسبەتەن ماھىر بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىسىز؛ باشقىلارنىڭ كۆڭلى يېرىم ۋاقىتتا سىز ئۇلارغا كۈچىڭىزنىڭ بىرىچە تەسەللى بىرىسىز، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم بىرىسىز. شۇڭلاشقا سىز باشقىلارغا ياردەم بىرىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ھىسابلىنىسىز، نۇرغۇن كىشىلەر سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ئىرىشىپ باققان بولۇپ، بۇلار سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىكى بايلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ.
    سىز پەقەت سەمىيمىلىك ۋە پۇختىلىق بىلەن ئۆتسىڭىزلار، سىزنىڭ تەلىيىڭىز ئوڭدىن كىلىدۇ، باشقىلارمۇ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە نەتىجىلىرىڭىزنى كۆرۈپ يىتىدۇ. بەلكىم سىز بەزىبىر قىيىنچىلىق ۋە بېسىملارغا دۇچار بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز تەمكىن ھالەتتە يۈزلەنسىڭىزلا، سىز ئۇلارنى يىڭىپ كىتەلەيسىز. سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى يولىڭىزمۇ ئوخشاش بولۇپ، سىز ھەربىر ئىشقا قارىتا ئۈمىدۋار ھەم ئاكتىپ روھى ھالەتتە يۈزلەنسىڭىز، جاسارەتلىك بولسىڭىز، باشقىلار سىزگە ھەۋەس بىلەن قارايدۇ.
D جاۋاپنى تاللىغانلار
    سىزنىڭ كەلگۈسى تۇرۇمۇشىڭىز ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسىدۇر.
    سىز ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەم ئۆزىڭىزگە يىتەرلىك ئىشەنچ تۇرغۇزغان ئادەم. سىزنىڭ سوبىكتىپ قارىشىڭىزمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، سىز قىلىشنى ئويلايدىغان نۇرغۇن ئىشلاربار، يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىڭىزمۇ ناھايىتى كۆپ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنىڭ يىتىشمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەن ۋاقتىڭىزدىمۇ، سىز يەنە بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرىسىز، ئىشلارنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىسىز. باشقىلار سىزنىڭ كەمچىلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرگەن ۋاقىتتا، سىز كەمتەرلىك بىلەن ئۇنى قۇبۇل قىلىسىز ھەمدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە تىرىشىسىز. شۇڭلاشقا سىز نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، باشقىلارنى رازى قىلالايسىز.
    سىز ھەر دائىم ئەڭ مۇكەممەل ھالەتتە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز، ئەمما سىزنىڭ نىشانىڭىز بەلكى بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ ۋاقىتتا سىز نىشانىڭىزنى بىرقەدەم-بىر قەدەم كىچىك بۆلەكلەرگە ئاجرىتىپ، ئاستا-ئاستا ھەم بىردىن –بىردىن ئورۇنلىشىڭىز كىرەك، ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. سىز دوست تۇتقاندا، قارشى تەرەپكە چىن كۆڭلىڭىزدىن مۇئامىلە قىلىسىز، قارشى تەرەپكە ئىشىنىشنى خالايسىز، ئەمما ئاز-تولا ئىتتىكلىك قىلىسىز.
   ھازىرقى تىرىشچان ھالىتىڭىزنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇڭ، سىز چوقۇم ئەلا سۈپەتلىك تۇرۇمۇش كەچۈرىسىز.
   مەن A جاۋاپنى تاللىغان، ناھايىتى توغرا چىقتى؛ قەدىرلىك دوستۇم، سىز قايسىسىنى تاللىدىڭىز؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号