1. تاماقنى تىز سۈرئەتتە يىيىش
زىيانلىق تەرىپى: ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى : ۋاقىتىڭىز ھەرقانچە جىددى بولسىمۇ، ئىمكان قەدەر ئاستا يەڭ!
2. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق
زىيانلىق تەرىپى: ئاشقازاننى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىدۇ؛ خىزمەتتىكى زىھنىڭىز يىتەرلىك ئۇرغۇپ تۇرمايدۇ، ھەم ئاسانلا سىزنى قېرى كۆرسىتىپ قويىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئامال قىلىپ تەملىك، ئىشتىھانى ئاچىدىغان تەييارلاڭ؛ مىقدارى يىتەرلىك، سۈپىتى ياخشى بولسۇن؛ ھەجىمى كىچىك، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولسۇن. يىمەكلىك تاللاشتا قۇرۇق، سۇيۇق يىمەكلىك ۋە گۆشلۈك، گۆشسىز يىمەكلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ تاللاڭ.
3. كەچلىك تاماقنى زىيادە كۆپ يىيىش

زىيانلىق تەرىپى: ئادەمنى ئاسانلا سەمىرتىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاماقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇنراق، مىقدارى مول بولغان كەچلىك تاماق ئادەمنى ئۇيقۇسى قاچىدىغان قىلىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: كەچلىك تاماقنى ئىمكان قەدەر بۇرۇنراق يەڭ، گۆشسىز يىمەكلىك يەڭ، ئاز يەڭ.
4. قەھۋە ئىچىشكە خۇمار بولۇش
زىيانلىق تەرىپى: ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ ئاسان يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ؛ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: چاي، مىۋە شەربىتى ياكى باشقا ئىچىملىكلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىچىپ سىناپ بېقىڭ!
5. يىمەكلىك ئىسپىرتىنى زىيادە قۇبۇل قىلىش
زىيانلىق تەرىپى: كۆپ مىقداردا ياكى ھەمىشە ھاراق ئىچكەندە، جىگەرنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق ياللۇغلىنىش، يوغىناپ كىتىش، كۆپىيىش ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش قاتالىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: قىزىل ھاراق ئىچسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت چۈشتىن كىيىن سائەت2دىن كىيىن؛ ئاچ قورساققا، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا، زۇكامداپ قالغان ياكى كەيپىياتى ھاياجان ئىچىدە تۇرۋاتقاندا ھاراق ئىچمەسلىك كىرەك.
6. تاماقتىن كىيىن تاماكا چىكىش
زىيانلىق تەرىپى: تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشى تېخىمۇ ئاسان ھەم تىز بولىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: تاماكا تاشلاش

7. قىزىق ساقلاش ئىستاكانىغا چاي دەملەپ ئىچىش
زىيانلىق تەرىپى: ۋىتامىنلىق تەركىبىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، زور مىقداردا تاننىن كىسلاتاسى ۋە چاي ئىشقارى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ئىستاكان ئالماشتۇرۇش كىرەك.
8. ھەر ۋاخلىق تاماقتا خام يىمەكلىك بولۇش
زىيانلىق تەرىپى: ھەرخىل پارازىنىت قۇرۇت تىپىدىكى كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى يىڭى كۆكتات شەربىتى ياكى مىۋە شەربىتى ئىچىپ بىرىش؛ يىڭى كۆكتاتلاردىن سۇغۇق سەي تەييارلىغاندا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇپ، تۇزنى ئازراق ئىشلىتىش؛ ئاۋال مىۋە قاتارلىق خام يىمەكلىكنى يىگەندىن كىيىن، پىششىق يىمەكلىكلەرنى يىسە، ئاق قان دانىچىسى ئۆرلىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ؛ پششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرنى ئىمكان قەدەر ئاز يىيىش.
9. مىۋىنى تاماق ئورنىدا يىيىش
زىيانلىق تەرىپى: ئادەم بەدىنىدە ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇزۇقلۇق تەڭپۇ بولماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا كىسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ئاۋال تورغا چىقىپ، سىزنىڭ بەدەن خارەكتىرىڭىز نىمىلەرنى يىيىشكە ماس كىلىدۇ، تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن

ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۈچ مۆچەلدىكى ئاياللار، تۇغۇلىشىدىنلا ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان بىر خىل جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپ، مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچى ئىنتايىن چوڭ، ئەرل

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号