
1- ئاينىڭ 15-كۈنىدىن ---2-ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

بەدەن شەكلى گۈزەل، كىيىنىشى سالاپەتلىك، كەمتەر، ئىسلزادە كىلىدۇ؛ تەلىۋى يۇقىرى بۇلۇپ، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلمايدۇ. ئۇلار ھەمىشە توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلەپ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئۇلار سەمىمى ئىشەنچىلىك بولغان ھەمرا بولالايدۇ.
ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈك، ھەم بۇنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە پۇل-مال سەرپ قىلىشتىن باش تارتمايدۇ؛ سۆلەتلىك ھەم ھەيۋىسى بار كۆرىنىدۇ، كىشىگە سىرلىق تەسىر بىرىدۇ، بارلىق گۈزەل كەلگەن شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۈرىدۇ؛ ئاسان غەزپلىنىدۇ، جاھىل كىلىدۇ؛ نىسبەتەن شەخسىيەتچى، ئەمما ئۆزىگە يېقىنلاشقان ھەرقانداق كىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار ناھايىتى كەمتەر كىلىدۇ، ئەمما ناھايىتى چوڭ ئۈمىد-ئىستەكلىرى بولىدۇ؛ قابىلىيەتلىك، تىرىشچان؛ دوستلىرى كۆپ، دۈشمەنلىرىمۇ ئاز ئەمەس؛ ئۇلار ئىشىنشكە بولىدىغان كىشىلەردۇر.
2- ئاينىڭ 15-كۈنىدىن---3-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

سىرتقى قىياپىتىنىڭ نەپىس زىننەتلىنىشىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ بالدۇر يىتىلگەن بۇلۇپ، سىزىمگە ماھىر؛ مول بولغان خاسلىققا ۋە ئىجادىيلىككە ئىگە؛ ئالاھىدە كەلگەن تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۇلارنى سىرلىق كۆرسىتىدۇ ھەم جەلپكارلىققا ئىگە قىلىدۇ.
ئۇلار ھەشەمنى ياخشى كۈرىدۇ،تېنى ساغلام، ئۇچۇق يۇرۇق كىلىدۇ؛ ئۇلار ئاسانلىقچە خىجىل بۇلۇپ قالمايدۇ، باشقىلارنى ياراتمايدۇ، ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىدۇ، قارار چىقىرىشتا كەسكىن كىلىدۇ؛ ئۇلار باشقىلارنىڭ دىققىتىن تارتىشنى ياخشى كۈرىدىغان بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتە خېلىلا تۇغما تالانتى بار؛ ئۇلار ساياھەت جەريانىدا ھاياتلىقنىڭ ھەقىقى سىرى ۋە روھىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدەپ تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئۇلار كۆچمە شەكىلدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا ماھىر كىلىدۇ.
3- ئاينىڭ 15-كۈنىدىن---4-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە توغۇلغانلار

چىرايلىق كىلىدۇ، ئەمما غەمكىن مىجەز؛ جەلىپكارلىققا ئىگە، بارلىق گۈزەل شەيئىلەرنىڭ ھەممىنى ياخشى كۈرىدۇ؛ نەزىرى ئۈستۈن، ساياھەتنى ياخشى كۈرىدۇ، شىرىن خىياللارغا ئامراق.
خارەكتىرى مۇقىم ئەمەس، ھەمىشە ئالدى-كەينىگە دەسسەيدۇ، ئەمما ناھايىتى سەمىمى كىلىدۇ؛ ئۇلار ئاسانلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئەمما چىقىشىپ ئۆتمەك تەس؛ تەلىپى يۇقىرى، بىۋاستە سىزىمى ئۆتكۈر؛ ھەمىشە ھىسيات جەھەتتە قىينىلىدۇ، ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا يەنە مۇقىم ۋە خاتىرجەملىككە تولغان ھەمرا بولالايدۇ؛ ئاقكۆڭۈل، ھەمىشە باشقىلارغا ئىللىقلىق ۋە خوشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ.
ئۇلار ھەمىشە ئۆزى بىلەن كارى بولماي، باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورۇندايدۇ؛ چەكلىمىگە ئۇچرىماي، ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشنى ياخشى كۈرىدۇ؛ بىرە ئىشقا ئاتلانغىنىدا ئەزەلدىن كۈچىنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ، ناھايىت چوڭ بەدەللەرنى تۆلەشكە رازى بولىدۇكى، چوقۇم ئالدىدا مېڭىشنى تالىشىدۇ.
4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن --- 5-ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

ئادەتتىكى ئادەملاردىن ئەمەس،سىھرى كۈچى چەكسىز كەتكەن؛ مۇستەقىل بۇلۇش ۋە تايىنىش تىن ئىبارەت ئۆز-ئارا زىت كەلگەن ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان؛ نەزىرى ئۈستۈن، قىزغىن، ھىسياتقا باي كىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ياخشى جۈپتى بار بۇلىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ خاتلىقىنى كەچۈرمەيدۇ؛ سوبىكىتىۋ ھەم جاھىل، ئەمما ھىسياتقا بىرىلىدۇ، مۇھەببەت يوللىرى مۇرەككەپ ھەم مۇشەققەتلەرگە تولغان كىلىدۇ.
ئۇلار ئەمىلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان قۇرۇق خىياللارغا بىرىلمەيدۇ، مەلۇم بىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىپ باشقا ئېلىپ چىقىشنى ئويلايدۇ؛ نۇتۇق قابىلىيىتى ياخشى، تەدبىرلىك كىلىدۇ ھەم ئىنكاس سۈرئىتى تىز؛ تۇغۇلما زىرەكلىككە ئىگە، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان لوگىكىلىق ئىقتىدارى بار؛ باشقىلارنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە ھىمايە قىلىشىغا ئىرىشىدۇ.
5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن---6-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

ئەھمىيەتسىز، ئادەتتىكىچە ئۆتىدىغان تۇرۇمۇشنى ياقتۇرمايدۇ. ئادەتتە مۇھەببەت تۇرمۇشى ناھايىتى مول بولىدۇ، ناھايىتى كۆپ يات جىنىسلىقلار ئەتراپىنى چۆرگىلەپ كىتەلمەيدۇ. ئەمما ئۇلار ھەقىقى مۇھەببەتكە ئىرىشكىنىدە، قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ئەڭ سادىق ھەمراھلاردىن بولالايدۇ، تۇرۇمۇش خوشى پەيدا قىلالايدۇ.
تۇغۇلما سىرلىقلىق تۇيغۇسىغا ۋە ئەپچىل كەلگەن ئۆزگىرىشچان خارەكتىرىگە ئىگە، ئەمما دائىم زىددىيەتلەر ئىچىدە قالىدۇ؛ ئۇلاردا ئىككى خىل قۇتۇپلاشقان خارەكتىر يۇشۇرۇنغان : مۇلايىملىق ۋە ھەر ئىشتا يول قويماسلىق.
6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن ---7-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش كۈچى مول، جەلىپكارلىقى كۈچلۈك،كىشىگە بىر خىل خۇشخۇي تۇيغۇ ئېلىپ كىلىدۇ. ئازراق تىرىككەك بولۇپ، تەۋەككۈل قىلىشنى ياخشى كۈرىدۇ، سەزگۈر، بىرەر ئىشلارغا ناھايىت قىزىقىدۇ، ئەقىللىق ھەم يۇمىرىستىك كىلىدۇ.
ئۇلار ئەركىلەپ كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ ناھايىتى ماھىر كىلىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە "يۇمۇلاق تاۋۇز " تىپىگە تەۋە؛ ئەگەر ئەقىللىقلىقىنى ھەددىدىن زىيادە نامايان قىلىۋەتمىگىنىدە، ئۇقۇمۇشلۇقى تۆۋەن بولمىغان ئۈمىدۋار شەخىسكە ئايلىنالايدۇ.
7-ئاينىڭ 17- كۈنىدىن ---8- ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

ئۇلار ھەيۋىسى بار، كۆكسى-قارنى كەڭ، مىھرىبان ۋە ھاكاۋۇر كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەيلى جەمىئىيەت، ئىژتىمائى مۇناسىۋەت ۋە ياكى كەسپى تۇرۇمۇشتا بولسۇن، ھەممىسىدە شانلىق ئىستىقبالى بولىدۇ؛ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك.
ئۇلار ئاسانلا زىرىكىش ھىس قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاسانلا تەسىرلىنىپ كىتىدۇ ۋە باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈشكە ئامراق كىلىدۇ؛ مەيلى خىزمەت ياكى مۇھەببەتتە بولمىسۇن،يىتەكچى ئورۇندا تورىدۇ؛ ئەمما ئىچكى دۇنياسىدا گۈدەكلەرچە كەلگەن ساددا تەرەپلىرى بار، كۆپىنچە چوڭ بولالمايدىغان كىچىك بالىلارغا ئوخشايدۇ؛ بىراق بەزى ۋاقىتتا ئويلىمىغان يەردىن پىشىپ يىتىلگەن يەرلىرىنى نامايان قىلىدۇ.
8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن---9-ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

ئوبرازى ياخشى، خارەكتىرى ئىنىق؛ مۇدا قوغلىشىشنى ئىنتايىن ياخشى كۈرىدۇ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇسۇلنى ئىزدەپ ئۆتىدۇ، ھەمىشە خىياللىرى ئىچىدىكى دۇنيادا ياشايدۇ. كىشىلەر توپىغا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كۆپچىلىكنى ئۆزى سۆزلىگەن سۆزلەرنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايدىغان قىلالايدۇ.
ئۇلار ھىسياتقا باي كەلگەن ھەمراھىدىن كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاشقا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە مەشۇق تېپىشنى خىيال قىلىدۇ؛ ھىسياتقا قارىتا ناھايىتى تىرناقتىن كىر ئىزدەيدىغان كىلىدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئىشەنمەيدۇ؛ ھەمىشە ئۆزى چىقارغان قارارلارنى جەزىملەشتۈرەلمەيدۇ، ئەمما مەسئۇلىيەتچىل كىلىدۇ.
9-ئاينىڭ17-كۈنىدىن---10-ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

ئۇلار ئىدراكلىق تىپىدىكى كىشىلەر بۇلۇپ، ئىش قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئوبدان بىلىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سىھرى كۈچى بار بولۇپ، ھېسياتنى مەركەز قىلىدۇ، دائىم ھېسيات سەۋەبلىك ئازابلارغا دۇچار بولىدۇ.
بەزىدە باشقىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇشتىن ساقىت بولالمايدۇ؛ ئەگەر ھەددىدىن زىيادە قاتتىق بولۇپ كەتكىنىدە، ئاخىرىدا يالغۇز تەنھالىقتا قالىدىغان ئېھتىماللىقى بولىدۇ. بەزىدە ناھايىتى رەھىمسىز كىلىدۇ، چىقىشىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھەمرا تىپىگە كىرىدۇ؛ ئارزۇ-ئىستىكىنىڭ چېكى بولمايدۇ.
10-ئاينىڭ17-كۈنىدىن---11-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

ئۇلار سالاپەتلىك كىلىدۇ. تۆۋەن مۇقامدىكى لاتاپىتى ۋە مۆتىۋەرلىكى بولىدۇ. كۈلمىگەن ۋاقتىدا ناھايىتى سۇغۇق ۋە رەھىمسىز كۆرىنىدۇ، گەرچە تاشقى قىياپىتى ھەممىگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان كۆرۈنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئىچكى دۇنياسىغا قىزغىنلىق يۇشۇرۇنغان بولىدۇ؛ چوڭلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ؛ مۇھەببىتىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ، مۇھەببەتكە ئەقىل-ئىدراك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۇلار ھەم بىر ياشتىكىلەرنىڭ ۋە كىچىكلەرنىڭ ياقتۇرىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشىدۇ؛ ئەمما مۇكەممەللىكنى ياقىلايدىغان ئىنتىلىشى بولغانلىق سەۋەبىدىن كۆپ ئويلىنىپ، قارار چىقىرىشى تەسكە توختايدۇ. ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەرنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن تاشلىۋىتىدۇ، ئادىللىقىنى يوقاتقان مەسىلىلەرنى ياقتۇرمايدۇ.
11-ئاينىڭ17-كۈنىدىن---12ئاينىڭ14-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

خارەكتىرى غەلىتە، مىجەزى ئىككى خىل، قىزغىن ھىسياتقا باي؛ دائىم ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالىدۇ، كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش خارەكتىرىگە ئىگە؛ ئىسىلزادىلەرچە سالپىتى بار ، نەزەر دائىرسى كەڭ.
ئۇلار ياخشى بولغان ھەقىقەت تۇيغۇسىغا باي كىلىدىغان بولۇپ، ئىچكى كەيپىياتىنى يۇشۇرۇشقا ماھىر، سىرتىقى قىياپىتى سالماق كىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇلار تۇغۇلۇشىدىن دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بۇلۇشقا ماس كىلىدىغانلاردۇر. ئۇلار ھېسياتقا بېرىلىدىغانلاردىن بولۇپ، ئاسانلا قاراملىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ. بىراق دەل مۇشۇ خىلدىكى ئىچكى دۇنياسىغا يۇشۇرۇنغان قىزغىنلىق سەۋەبىدىن، ئۇلار مۇمكىن ئەمەس ئىشنى مۇمكىن قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا ئەسلىدىكى ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كىتىدىغان ھالەتتە قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئۇلار باشقىلارغا خائىنلىق قىلمايدۇ ھەم ئۆزىگە خائىنلىق قىلغانلارنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.
12-ئاينىڭ15-كۈنىدىن---1-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار

نەزىرى ئۈستۈن، ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ ماتىريالىزىمچى، زۈرۈر بولمىغان خەتەرلەرگە تەۋۋەككۈل قىلمايدۇ؛ ئىدراكلىق كىلىدۇ، ئەڭ كۆڭۈلدىكى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ ھىسابلىنىدۇ؛ ئەركىن ئازادە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلى ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتى بولىدۇ.
ئۇلار ئەركىن –ئازادە خوشال-خورام ياشاشنى تەرغىپ قىلىدىغانلاردىن بولۇپ، ئاسانلا كاجلىقى تۇتىدىغانلىق سەۋەبلىك، بەزىبىر پۇرسەتلەر بىلەن ئۆتۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خارەكتىرى كۆپ ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ھەۋەس قىزىقىشلىرى كۆپ، ئويناپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنىمۇ بىلىدۇ؛ بەزىدە كىشى ئويلاپ يىتەلمەيدىغان ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولۇپ قالىدۇ.
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

مايۈن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم تور ئېقىمىنى ئىگىلەپ، داڭقى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى؛ بەزىلەر ئۇنى "دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار كارخانىچ

ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن

ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قوساق تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ بولىدىغان بولدى؛ شۇڭلاشقا، نۇر

ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号