ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بەدىنىڭىزدىكى ئىچكى ئەزالار نىمىدىن قورقىدۇ بىلەمسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-15 كۆرۈلىشى : قېتىم

 ئاشقازان: سۇغۇقتىن قورقىدۇ

     ئاشقازان ۋە ئۈچەي كىسەللىكلىرى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە بىنورماللىق كۆرۈلگەندە، گىرىلكىغا قايناقسۇ قاچىلاپ بىردەم قۇچاقلاپ بەرسەك، ئاز-تولا راھەتلىنىپ قالىمىز. سۇغۇق يىمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان ئۈچەينىڭ بىئارام بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى سەۋەپ: سۇغۇق يىمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچەيدىكى قان تۇمۇرلارنىڭ يېغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىپ، يىمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدىكى يېپىشقاق پەردىلەردىن ئۆتۈپ قانغا سۈمۈرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاشقازان ئاغرىپ، قورساق قىسىم بىئارام بولغاندا  ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازاننىڭ بىئارام بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ ياكى ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.

1.jpg

تەكلىپ:

    ① قىش پەسلى ئەتىيازغا ئالماشقان مەزگىللەردە، ئاشقازانغا ئاسانلا سۇغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە چاپاننى ئالدىراپ تاشلىماسلىق لازىم؛ ئادەتتە ئەتىگەن كەچلىك تىمپىراتۇرا پەرقى 10سىلسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بۇلۇش كىيىم ئازايتىشتىكى ئۆلچەم.

    ② توڭلاتقۇدىن ئالغان يىمەكلىكلەرنى دەرھال ئىستىمال قىلماي، ئىسسىتىپ ياكى نۇرمال تىمپىراتۇرىغا كەلگۈچە قويۇپ قويغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلىش لازىم.

يۈرەك : تۇزلۇق نەرسىلەردىن قورقىدۇ

    تۇزنى ئىستىمال قىلىش كۆپ بولغاندا، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇزدىن باشقا تېتىتقۇ، جىياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ تۇز بار بۇلۇپ، بۇلارنى كۆپ ئستىمال قىلساقمۇ ئوخشاشلا بەدەنگە يەتكۈزۈلگەن تۇزنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر كىشىلەر ئادەتتە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھىسابتا 10 گىرام ئەتراپىدا تۇز ئىستىمال قىلىدىغان بۇلۇپ، بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر خىل ۋاستىلاردىن بەدەنگە يەتكۈزۈلگەن تۇزنىڭ ئومۇمى مىقدارى 5 گىرامدىن تۆۋەن بۇلۇشى كىرەك دىگەن تەكلىۋىدە كۆرسىتىلگەن مىقداردىن بىر ھەسسە ئارتۇق.

2.jpg

تەكلىپ:

  ① ھەركۈنى ئستىمال قىلغان تۇز مىقدارى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك؛ بۇ مىقدار پىۋا بوتولكىسىنىڭ ئېغىزىنىڭ ئېغىرلىقىچىلىك كىلىدۇ.

   ② قورۇما قورىغاندا قوشۇلغان شىكەر تۇزنىڭ تەمىنى بېسىۋالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تېتىش ئارقىلىق يىمەكلىكنىڭ تۇزى ئۆتكەن ياكى ئۆتۈپ كەتمىگەنلىگىگە ھۆكۈم قىلماسلىق كىرەك.

   ③ ئەگەر تۇزلۇق تاماق يەپ سالسىڭىز، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بىرىشنى ئۇنۇتماڭ.

ئۆپكە: ئىستىن قورقىدۇ

    ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەن، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا ئىسى كۆپ مۇھىتتا تۇرغان، خىزمەت جەريانىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىس-تۈتەك ۋە توپا-چاك ئارىسىدا ئۆتىدىغان كىشىلەر ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىدۇر.

3.jpg

تەكلىپ:

      ① تاماكىنى قايسى ۋاقىتتا تاشلىسىڭىز كىچىكمەيسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاڭ.

    ② ئەگەر تاماكا تاشلىشىڭىز تەسكە توختىسا، دوختۇرخانىلارنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس بۆلۈملىرىدىن مەسلىھەت ئالسىڭىز بۇلىدۇ.

    ③ ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ تاماكا ئىسىدىن زەھەرلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاماكىنى تاشلاپ بولغۇچە، ئۆي ئىچىدە تاماكا چەكمەڭ.

بۆرەك: گۆشتىن قورقىدۇ

    ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر مىھماندارچىلىق سەۋەبىدىن،چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، ئاقسىل قۇبۇل قىلىشنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۋىتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئارتۇق مىقداردا ئاقسىل قۇبۇل قىلىش بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاقسىل تۇخۇم ۋە كالاسۈتىدىلا بۇلۇپ قالماستىن، ھەرخىل گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردىمۇ ئاقسىلنىڭ تەركىبى نىسبەتەن مول بۇلىدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى نورمىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋەرسىڭىز، بۆرىكىڭىزنى "چارچىتىپ" كىسەل قىلىپ قويىسىز.

4.jpg

تەكلىپ:

   ① قورامىغا يەتكەنلەر ھەركۈنى 80-60 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل قۇبۇل قىلسا ئىھتىياجنى قاندۇرالايدۇ.

   ② كۈنلۈك ئىستىمال قىلغان گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىك 200 گىرامدىن ئېشىپ كەتمىسۇن.

جىگەر: سېمىزلىكتىن قورقىدۇ

   جىگەرنى ماي قاپلاش ئاللىقاچان ۋىروسلىق جىگەر كىسىلىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۆلىتىمىز ئاھالىسىدىكى بىرىنچى چوڭ جىگەر كىسەللىكى بۇلۇپ قالدى. ئامرىكا كالفورنىيە ئونۋىرستىتى لوس-ئانژىلىس تارماق مەكتىۋىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىز كىشىلەرنىڭ جىگىرىنىڭ بۇرۇن قېرىپ كىتىش ئەھۋالى ناھايىتى كۈرنەرلىك بۇلىدىكەن.

5.jpg

تەكلىپ:

   ① يىمەكلىكنى كونتىرول قىلىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق ھالدا ھەرىكەت قىلىش، ئۇرۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.

ئۈچەي: قالايمىقان دورا يىيىشتىن قورقىدۇ

    ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈچەي يوللىرىدىكى قوش شاخچە تاياقچە باكتىرىيىسى ئازلاپ ھەتتا يوقاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان موكىسىمان باكتىرىيە، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسى قاتارلىقلار كۆپىيىپ كىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلارنىڭ چىشى بوشاپ چۈشۈپ كەتكەنلىك ، كىسەللىك ياكى نامۇۋاپىق تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۈچەي يوللىرىدىكى پايدىلىق باكتىرىيىلەر ئازلاپ، چىرىتكۈچى باكتىرىيىلەر كۆپىيىپ كىتىپ بەزىبىر ئۇتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىكى ئۈچەي يوللىرى كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    باكتىرىيەگە قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش، باكتىريەلەرنىڭ دورىغا ماسلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۈچەي يولى باكتىرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇۋىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ياشقا چوڭ تېنى ئاجىزكەلگەن ياكى ئاستا خارەكتىرلىك كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن باكتىريەگە قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلماق لازىمدۇر.

6.jpg

تەكلىپ:

   ①ئۈچەي يولى باكتىرىيە توپىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، يىمەكلىك ئستىمال قىلىش ئادىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سۇنى كۆپ ئىچىش؛ ئىمكان بولسا كۈندە بىر بوتولكا قېتىق ئىچىپ بىرىش.

   ② كۆپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئۈچەي يولى ساغلام باكتىرىيە توپىنى كۆپەيتىشكە پايدىسى بار.

   ③ ئانتىبىئوتنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك.

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号