نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە كىچىسى سىمانا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، ياكى مىھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىدۇ ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇنداقتا زادى قايسى ئەزايىمىزغا زىيان يەتكۈزىدۇ ؟
كىچىسى ئۇخلىماي باشقا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ جىگەرگە زىيىنى ئەڭ چوڭ؛ چۈنكى جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى بىردىنبىر زەھەر تازىلايدىغان ئەزا بۇلۇپ، ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى جىگەر ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى پارچىلاپ، زەھەرسىزلەندۈرۈپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ؛ كىچە ۋاقتى بولسا ، جىگەر " ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغان " ۋاقىت بۇلۇپ، بۇ ۋاقىتتا بىز ياخشى دەم ئالماي، يەنە يەپ ئىچىپ يۈرسەك، جىگەرنىڭ بېسىمى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كىتىدۇ . شۇڭلاشقا داۋاملىق كىچىسى ئۇخلىمايدىغان دوستلار باشقىلارغا قارىغاندا جىگىرىنى تېخىمۇ بەكرەك ئاسرىشى كىرەك .

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، سۇنى كۆپ ئىچىش مىتابولىزىمنى تىزلىتىپ، بەدەندىكى كىرەكسىز ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرۋىتىلىشىنى تىزلىتىپ، زھەرلىك ماددىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ . ئەمما سۇ ئىچىشكىلا تايىنىپ جىگەرنى قوغدايمىز دىسەك ئۈنۈمى ئۇنچە ياخشى بولمايدۇ ،شۇڭلاشقا قايناقسۇغا ئازراق " ماتىريال " قوشۇپ ئىچىشنى ئۈگىنىۋىلىشىمىز كىرەك . بۇنداق قىلىشنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، جىگەر تېخىمۇ ساغلام بۇلۇپ ، بەدەندنكى زەھەرلىك ماددىلار يوقايدۇ، تىرىڭىز ياخشىلىنىدۇ، ئېغىزىڭىزدا غەلىتى پۇراقلارمۇ بولمايدۇ .
چىلاننى قايناقسۇغا چىلاپ ئىچىش
چىلاننى قايناقسۇغا چىلاپ ئىچكەندە، جىگەرنى ئاسرىغىلى بۇلىدىغانلىغى يىڭىلىق ئەمەس؛ تەجىربە نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ،جىگەر فونكىسىيىسى ئاجىز كىشىلەر چىلاننى قايناقسۇغا چىلاپ ئىچىشنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا، جىگەرنى ئاسراپ، جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش ۋە زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن . جۇڭگۇ تىبابىتىدىمۇ چىلاننى قايناقسۇغا چىلاپ ئىچسە، قاننى جانلاندۇرۇپ، قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ، جىگەرنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار دەپ قارايدۇ .
قايناقسۇغا لىمون چىلاپ ئىچىش

لىموننىڭ ئەزەلدىن " جىگەرنى ياخشىلاپ ،زەھەر تازىلاش ۋە چىراينى ئاقارتىپ گۈزەل قىلىدىغان مىۋە " دەپ نامى بار . ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرغان ۋاقىت، لىمون چىلانغان قايناقسۇ ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بۇلۇپ، لىمون تەركىبىدىكى لىمون كىسلاتاسى جىگەرنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇغى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ۋە جىگەرنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىشتە ياردەمچى رول ئوينايدۇ .
قايناقسۇغا جۈيخۇا گۈلى قوشۇپ ئىچىش

جۈيخۇا گۈلى گۈل چاي تىپىغا تەۋە بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن چاي دەملەپ ئىچسەك، تەمى ئازراق قىرتاق كىلىدۇ، ئەمما ئۇ جىگەرنى ياخشىلايدىغان چايلارنىڭ ۋەكىلى ھىسابلىنىدۇ . جۈيخۇا گۈلىنىڭ جىگەرنى تازىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ۋە ئىسسىقنى ھەيدەپ قوقاقنى ياندۇرۇش رولى بار . ئۇندىن باشقا جۈيخۇا گۈلى تەركىبىدە ئاز مىقداردا سېلىن ماددىسى بۇلۇپ، بۇ جىگەرنى ياخشىلاپ ئەسلىگە ئەكىلىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىدۇر .
قايناقسۇغا قىزىل گۈل چىلاپ ئىچىش

قىزىل گۈل چېيىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك؛ قايناقسۇغا چىلانغاندىن كىيىن ئازراق سۇس قىرتاق تەمى بۇلىدۇ؛ لىكىن جىگەر ئادەتتە " قىرتاق " تەمنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ . روھى بېسىم ئېغىر بولۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تەشۋىشلىشىشنى ياخشىلاش ۋە جىگەر تەبىئىتىنى تەڭشەشتە ، قىزىل گۈل چېيىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى؛ بىر كۈن ئالدىراش بولغاندىن كىيىن قىزىل گۈل چېيىنى ئىچسىڭىز، جىگەرنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ، ھاردۇق چىقىرىشقا پايدىسى بار .
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

مايۈن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم تور ئېقىمىنى ئىگىلەپ، داڭقى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى؛ بەزىلەر ئۇنى "دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار كارخانىچ

ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن

ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قوساق تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ بولىدىغان بولدى؛ شۇڭلاشقا، نۇر

ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号