ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كىيىمگە يۇققان داغلارنى چىقىرىش ئۇسۇلى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-08 كۆرۈلىشى : قېتىم

 

ئادەتتە  كىيىمىمىزگە  ھەرخىل  داغلارنىڭ  يۇقۇپ مەينەت  بۇلۇپ  قېلىشىدىن  ئەنسىرەيمىز،  تۆۋەندە كىيىمگە يۇقۇپ  قالغان  بىر  نەچچە  خىل  داغنى يۇيۇپ  چىقىرۋىتىش ئۇسۇللىرىنى  كۈرۈپ  باقايلى :

رەڭ  دېغى

1

چىش  چوتكىسى + ئىسپىرت + سوپۇن  پاراشوكى + سۇ

        چىش چوتكىسى بىلەن ئازراق سوپۇن پاراشوگى ئېلىپ ، كىيىمدىكى داغ ئورنىغا تەككۈزگەندىن كىيىن ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسپىرتنى داغ ئورنىغا سۇۋاپ نەملەشتۈرىمىز ۋە ئۇۋلاپ بىرىمىز ، ئۇندىن كىيىن سۇ بىلەن چايقىۋەتسەك ، رەڭ دېغى  پاكىزە چىقىپ كىتىدۇ .

ئۈزۈم ھارىقى دېغى

2.gif

سوپۇن + بۇلۇت + قۇرۇق لاتا + سۇ

   ئاۋال كىيىمدىكى داغ بار يەرنى سۇغا چىلاپ ئالغاندىن كىيىن ، قۇرۇق لاتا بىلەن قىزىل ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرتنى سۈمۈرۋالىمىز ؛ ئازراق نەمخۇش ھالىتىدىكى بۇلۇتنى سوپۇنغا تەككۈزۈپ ،سوپۇن يۇقتۇرغاندىن كىيىن ،  كىيىمدىكى داغ ئورنىغا سۇۋاپ ،قولىمىزدا ئۇۋۇلاپ بىرىمىز ، كەينىدىن سۇدا چايقىۋەتسەك ، قىزىل ھاراق دېغى يوقاپ كىتىدۇ .

تائام مايلىرى دېغى

3.gif

بالىلار ئۇپىسى + سۇ

    كىيىمنىڭ داغ يۇققان قىسمىنى سۇغا چىلاپ ئالغاندىن كىيىن ، بالىلار ئۇپىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ داغ ئورنىغا تۇلۇق سۇۋايمىز ، ئۇندىن كىيىن ئۇۋۇلاپ يۇۋەتسەك ، ماي داغلىرى چىقىپ كىتىدۇ .

كونا قەھۋە دېغى

4.gif

چىش چوتكىسى + گىلىتسىرىن + تۇخۇم سېرىغى + سۇ

     گىلىتسىرىن بىلەن تۇخۇم سېرىغىنى ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن ، چىش چوتكىسى بىلەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ ، داغ ئۈستىگە سۇۋاپ ئۇۋۇلاپ يۇۋەتسەك ، كونا قەھۋە داغلىرىنى چىقىرۋىتەلەيمىز .

 ساماۋەر شورپىسى دېغى

5.gif

چىش چوتكىسى + چىش پاستىسى + سۇ

   مۇۋاپىق مىقداردا چىش پاستىسى ئېلىپ داغ ئورنىغا يىنىك سۈرىگەندىن كىيىن ،سۇدا چايقىۋەتسەك كىيىم ئەسلىدىكىدەك پاكىزە بۇلىدۇ .

جاڭيۇ دېغى

6.jpg

ئاق شىكەر + سۇ

    كىيىمدىكى داغ بار يەرنى سۇغا چىلىغاندىن كىيىن ، ئاق شىكەرنى ئۈستىگە سېپىپ ، قولىمىزدا ئۇۋۇلايمىز ؛ داغ يوقىغاندىن كىيىن سۇدا پاكىزە چايقىۋەتسەكلا بۇلىدۇ.

مىۋە شەربىتى دېغى

7.jpg

چىش چوتكىسى + سوپۇن + ئاشتۇزى + سۇ

   ئاشتۇزىنى داغ ئۈستىگە تەكشى سېپىمىز ؛ چىش چوتكىسىنى نەملىگەندىن كىيىن سوپۇنغا سۇۋاپ ، ئاشتۇزى بىلەن قوشۇپ چوتكىلاپ يۇيىمىز ؛ داغ ئىزى سۇسلاشقاندىن كىيىن سۇدا چايقاپ يۇۋەتسەك داغ ئىزلىرى پۈتۈنلەي يوقايدۇ .

شاكىلات دېغى

8.jpg

ئىسپىرت + پاختىلىق  شارىكباش + سۇ

پاختىلىق  شارىكباشنى ئىسپىرتقا  تەككۈزگەندىن  كىيىن داغ  ئىزىغا  سۇۋايمىز؛  داغ  ئىزى  ئىرىپ  سۇسلاشقاندىن  كىيىن،  سۇدا  چايقىۋەتسەك داغ  ئىزلىرى  پۈتۈنلەي  يوقايدۇ .

 

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号