
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر سەي قورىغان ۋاقىتتا ئازراق تېتىتقۇ قوشۇپ، قورۇمىنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى تەڭشەشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، تېتىتقۇ ھەر قانداق سەي-قورۇمىلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تېتىتقۇلارنى يېمەكلىكلەرگە توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا، قايسى خىل سەي-قورۇمىلارغا تېتىتقۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟
1. ئاچچىقسۇ سالغان سەي-قورىمىلارغا ئەڭ ياخشىسى تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ.
بەزى كىشىلەر سەيگە ئاچچىقسۇ بىلەن تېتىتقۇلارنى بىرگە قوشۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، سەي قورىغان ۋاقىتتا ئەگەر ئاچچىقسۇ قوشقان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تېتىتقۇ قوشۇشقا بولمايدىكەن، چۈنكى تېتىتقۇ كىسلاتالىق مۇھىتتا ئاسان ئېرىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەي-قورىمىلارنىڭ كىسلاتالىقى قانچە كۈچلۈك بولسا، تېتىتقۇلارنىڭ ئېرىشچانلىقى شۇنچە تۆۋەنلەپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېتىتقۇلارنىڭ سەي-قورۇمىلارغا تەم كىرگۈزۈش ئۈنىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
2. سوغۇق سەي تەييارلىغاندا تېتىتقۇ قوشۇشقا بولمايدۇ.
تېتىتقۇ ئادەتتە تېمپېراتۇرا ℃100~80 بولغان ۋاقىتتىلا ئاندىن يېڭى تەم كىرگۈزۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ. ئەمما سوغۇق سەينىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، سوغۇق سەيگە تېتىتقۇ سالغاندا تېتىتقۇنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولمايلا قالماستىن بەلكى، تېتىتقۇ خام ماتېرىيالغا يېپىشىۋىلىپ، سوغۇق سەينىڭ تەمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سوغۇق سەي تەييارلىغان ۋاقىتتا چوقۇم تېتىتقۇ سېلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، تېتىتقۇنى ئاۋۋال ئازراق قىزىق سۇدا ئېرىتىۋىلىپ ئاندىن سوغۇق سەيگە ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ.
3.تېتىتقۇنى تۇزلۇق سەيگە ئىشلىتىپ، تاتلىق سەيگە ئىشلەتمەسلىك: مۇۋاپىق ناترىي قۇيۇقلۇقى ئاستىدا، تېتىتقۇنىڭ يېڭىچە تەم كىرگۈزۈش رولى گەۋدىلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تېتىتقۇنى تۇزلۇق سەي – قورداققا ئىشلەتسە تەمنى ياخشىلايدۇ. لېكىن، ئەگەر تاتلىق تەمدىكى سەيگە تېتىتقۇ قويغاندا، تەمىنى ياخشىلىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تاتلىق تەمنى تۆۋەنلىتىپ، بىر خىل غەلىتە تەم پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
4.قىيمىغا تېتىتقۇ قويۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ: نۇرغۇن كىشىلەر جۇۋاۋا قىيمىسىنى تەڭشىگەندە، ئازراق تېتىتقۇ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلىش بىخەتەر ئەمەس. تېتىتقۇ قىيمىغا ئارىلاشقاندىن كېيىن، دۈملەش، پىشۇرۇش، قورۇش قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بىراق، تېمپىراتۇرا 100℃تىن ئېشىپ كەتسە، تېتىتقۇنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، تەم ياخشىلاش رولىنى يوقىتىپلا قالماستىن، زەھەرلىك بولغان ناترىي گلوتامان ھاسىل قىلىپ، ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. قىيمىغا ئىشلىتىشكە بولماسلىقتىن تاشقىرى، قىززىق سەيلەرنى قىلغاندا، قازاننى ئوتتىن ئايرىغاندا ئاندىن تېتىتقۇ قويۇش كېرەك.
5.گۆش قورۇمىلىرىغا تېتىتقۇ قويۇشقا بولمايدۇ: گۆشنىڭ تەركىبىدە ئەسلىدىلا گلۇتامىن كىسلاتاسى بولۇپ، سەي – كۆكتاتلار تەركىبىدىكى تۇز بىلەن بىللە قىزدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىنلا تېتىتقۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى ـــــ ناترىي گلۇتامات ھاسىل بولىدۇ. گۆش تۈرىدىكىلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايلا قالماستىن، باشقا يېڭىچە تەمدىكى يېمەكلىكلەرگىمۇ تېتىتقۇ ئارىلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مەسىلەن: تۇخۇم، موگۇ، قاپاق ھۇررىكى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

مايۈن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم تور ئېقىمىنى ئىگىلەپ، داڭقى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى؛ بەزىلەر ئۇنى "دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار كارخانىچ

ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن

ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قوساق تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ بولىدىغان بولدى؛ شۇڭلاشقا، نۇر

ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号