ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان يېمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەر
   ھەمىشە گازلىق سۇ، ئىقتىدارلىق ئىچىملىك ۋە قىسمەن مىۋە شەربەتلىرى قاتارلىق قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا IIتىپلىق دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى خولستىرىن قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىمىز.
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تاتلىقلاشتۇرۇش دورىسى قوشۇلغان شىكەر قەنتى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن، بەزىدە ھەتتا مېڭە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى
   پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ناھايىتى تېزلا قەنت تۈرىگە پارچىلىنىدىغان بولۇپ، ئەستە ساقلاش توسالغۇسى، ياللۇغ ۋە ئالسىخەيمو كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئورالمىلىق يېمەكلىكلەر
   ھەر خىل ئۇششاق يېمەكلىك، قولايلىق يېمەكلىك قاتارلىق ھەر خىل پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئورالمىلىق يېمەكلىكلەردە، يېمەكلىكنىڭ ئاساسلىق تەركىبى چىقىرىۋېتىلىپ، شىكەر، ياغ ۋە تۇز قاتارلىق ماددىلار ئالماشتۇرىلىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، مېڭە ئورگانىزىمى زەخمىلىنىش، مېڭە سىغىمى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئىسپىرت تەركىبلىك ئىچىملىكلەر
   تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىش، مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭە نىرىپلىرى يەتكۈزگۈچ ماددىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلاردا ئاسانلا ۋىتامىن B1كەمچىللىك كېلىپ چىقىپ، ئەس خاتىرىسىنى يوقىتىش ياكى قالايمىقانلىشىش، تۇرۇپ تۇرۇپ كۆز كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号