ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چىكىنگۈدەك يولى قالمىغاندا ئادەم تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇپ كېتىدۇ
مەنبەسى : يوللىغۇچى : jadi ۋاقتى : 2019-11-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
چىكىنگۈدەك يولى قالمىغاندا ئادەم تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇپ كېتىدۇ
ئالى مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرۈپ جەمىيئەتكە چىققان ئوقۇغۇچى، نەزىرى ئۈستۈن، ھالى بوش كېلىدۇ، بىر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن پۇختا چىقالماي تۇرۇپ، يەنە بىر ئىشقا كۆز سېلىپ، داۋاملىقلا كېتىش تەييارلىقىدا تۇرىدۇ، ئۆزىچە نۇرغۇن تاللاش يولۇم  ھەم نۇرغۇن چېكىنىش يولۇم بار دەپ ئويلايدۇ، ئەركىنلىكنى تاللاش خاتا ئەمەس، ھالبۇكى چېكىنىش يولى جىق بولۇپ كەتسە ياشىغانسىرى ناچارلىشىپ كېتىدىغان گەپ. بۇ خىزمەت ياخشى ئەمەس بولسا، نەرى ياخشى ئەمەس؟ بىلمەيمەن، ھېرىپ كەتكەندەك قىلىمەن ، مۇئاشى ئاز ۋە ياكى بىر ئېغىز ياقتۇرمايمەن دىگەندەك باھانىلە ربىلەن دەرھال خىزمەت ئالماشتۇرۇشقا ئارانلا تۇرىدۇ.
  توغرا، بىز پۇل تاپالمىساقمۇ ئاچ قالمايمىز، چۈنكى ئاتا-ئانىمىزدىن ئىبارەت چوڭ ئارقا تېرىكىمىز بار، بىزنىڭ پۇلىمىز كام ئەمەس،  ھەر خىل ماددى ئەشيا كاپالەتلىرى بىزنىڭ يۇغانچىلىق قىلىشىمىزنىڭ دەسمىيسى بولۇپ قالغان، سان-ساناقسىز باھانىلەر بىزنىڭ بىخەتەر چېكىنىش يولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاسانلا خىزمەت ئالماشتۇرالايمىزياقىنى ئاقارتىپ ئىشتاننى قىرلاپ، ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيمىز ھەم  ھېچنىمىدىن ئەنسىرىمەيمىز.
چۈنكى بىزنىڭ چېكىنىش يولىمىز بار، بىزگە جاندىن كېچىدىغان جاسارەت ئېغىشىماي ئالغا باسىدىغان روھ يوق، ھېچنىمىنىڭ ئامالىنى قىلالمايمىز، ھېچبىر ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرامايمىز، كىچىكىنە ئىشقا، كىچىككىنە كىلىشمەسلىككە يولۇقساق، دەرھال قايتىدىن تاللاشقا باشلايمىز، بەرىبىر بىز ياش بولغانكىن، ۋاقتىمىز ھەم پۇرسەتلىرىمىز كۆپ دەپ ئويلايمىز.
چۈنكى چېكىنىش يولى ھەم كاپالەت بار بولغانلىقى ئۈچۈن بىزدە يۈكسەك تەشەببۇسكارلىك ھوقۇقى بولغان بولىدۇ، ۋاقتىنچە ئەتە ئۈچۈن غەم قىلمايمىز، ھېچكىم بىزدىن جان تېكىپ جاپا تارتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ،  شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئىشلارغا نىسبەتەن بىر كىشلىك  جاھىللىق ھەم ئېتىقاد ، مەسئول بولۇش ھەم چىدامچانلىق روھى كامچىل، يەنە ھەم ئۆزىمىزگە نىسبەتەن بىر خىل قاتتىق ھەم رەھىمسىز پوزىتسىيەرىمىز يوق.
يەنى دىمەكچى، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ يانغاندۇ. بىز داغدام يولدا ماڭماي، ئۆزىمىزنى يولسىز قويساق، خالتا كوچىلارغا قىستىساق، ئاندىن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، كۆزىمىزنى يۇمۇپ بۆسۈش ئېغىزى ئىزدەيمىز، شانلىق يول ئاچالايمىز.
 مىلادى ئىلگىرى 207-يىلدىكى  جۈلۇ جېڭىدە،  شاڭيۇنىڭ قوزغۇلاڭچى قوشۇنى بىلەن چىن قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق قىسمى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شاڭيۇ چىكىنىش يولىنى ئۈزىۋەتكەندىلا ، لەشكەرلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭگە كىرىشكە مەجبۇرلىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ،" كېمىلەرنى چۆكۈرۋىتىڭلار! قازان-قۇمۇچلارنى چېقىڭلار! چىدىرلارنى كۆيدۈرۈڭلار!  ئۈچ كۈن ئاشلىق بېرىلمىسۇن! لەشكەرلەرگە ئۆلۈمدىن باشقا يول قالمىسۇن!" دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. نەتىجىدە شاڭيۇنىڭ قوشۇنى چىن قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، بەگلىكنى زىل-زىلىگە سالىدۇ.

ئۆزىگە چېكىنىش يولى قويماسلىق، ھەر قانداق ئىش سەۋەپلىك كەينىگە يانماسلىق ئۈچۈندۇر.  ھەقىقەتەن دۇنيا ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ھېچكىم كىشلىك ھاياتىنىڭ داۋامىدا نىمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ. دائىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشلاردا يۈز بەرگەن جىددىي ئۆزگۈرۈشلەر سەۋەپلىك نىمە قىلارنى بىلمەي قالغانلىقىنى كۆرىمىز.  تەجىرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئىش قىلغاندا ئاڭلىق ھالدا چىكىنىش ئۈچۈن يول قويۇپ قويىدۇ. مۇنداق قارىغاندا، بۇ سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتقانلىق بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بىز ئۈچۈن جاسارەت كەمچىل بولغان پاسسىپ يولدۇر. ئۆزىمىزگە چېكىنىش يولى قويمىغاندىلا،تىرىشچانلىقنىڭ ئىچىدىن ئەڭ گۈزەل خوشاللىققا ئېرىشىمىز. چېكىنىش يولى بىزنىڭ جاندىن كەچكۈدەك جاسارىتىمىزدىن يوق قىلىدۇ،  ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىپ، چېكىنىش يولىنى ئېتىپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن ھورۇنلۇق ھەم پاسسىپلىققا خاتىمە بېرىپ، زور مىقداردىكى يۇشۇرۇن قابىلىيىتىمىزنى قېزىپ چىقارغىلى بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم ھەممە ئىشتا ئۆزى ئۈچۈن چېكىنىش يولى ئېلىپ قويسا، بۇ ئۇنىڭ ئىش باشلانماي تۇرۇپلا مەغلۇبىيىتىنى تەن ئېلىشقا تەييارلىق قېلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ غەلبە قىلىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن تۈۋەن بولىدۇ.  چۈنكى چېكىنىش يولى قالدۇرۇشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ قاچماقچى ئىكەنلىكىنى يىنىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号