ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشىدە بۇ خىل قىلمىشلار بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىشىمىز، ئەمىلىيەتتە ناھايىتى ئاددى؛ بىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدىن بىرسى بار بولسا، بەخىتلىك ئائىلىمىز بولسا، ئاتا-ئانىمىزنىڭ تېنى ساغلام بولسا، بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن تەلەيلىك بىر ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ.
    بۇ جەرياندا، ھىسيات تۇرمۇشى بىزگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھەر نىمە دىگەن بىلەن، بىزگە ھەمرا بولۇپ ئاخىرغىچە بىرگە بولىدىغىنى، يەنىلا شۇ تويلاشقان جۈپتىمىز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەردە ئالدىن، بارلىق قىزلارنىڭ ئۇلارنى ياخشى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەر كىشىگە ئۇچرىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئادەتتە، سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشىدە، تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل قىلمىشلار بولمايدۇ.
سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى باشقىلاردىن يۇشۇرمايدۇ
   بىر بۆلەك مۇھەببەت جەريانىدا، ئەگەر بىر ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا ئىشىنىمەنكى، ئۇ سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى باشقىلاردىن يۇشۇرمايدۇ. ئۇ ناھايىتى مەردانىلىك بىلەن، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ.
    بىراق، ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىق ئەمىلىيىتىنى يۇشۇرىدۇ؛ بەزىدە ھەتتا سىلەر مۇھەببەتلىشىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن مەزگىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دوستلىرى سىزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىڭىزدىن قىلچىلىك خەۋرى يوق ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
    بۇنداق ئەھۋالغا نىسبەتەن، ئايال كىشى بالدۇرراق ھوشىنى تېپىۋىلىشى كىرەك؛ چۈنكى بۇنداق ئەر كىشى سىزنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدىغان بولىدۇ، ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن بولاتتى.
سىزگە قارىتا پىخسىقلىق قىلمايدۇ
    مۇھەببەت جەريانىدا، بىر ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ سىزگە قارىتا پىخسىقلىق قىلمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ سىزنىڭ بەزىبىر تەلەپلىرىڭىزگە قارىتا، سىزنى ئىمكان قەدەر قانائەتلەندۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنى، بىر ئوغۇل دوستىنىڭ قىز دوستى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ بىلىدۇ.
    بىراق، ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنىڭ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن. ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا پىخىسىقلىق قىلىشى، سىز بىرەر نەرسە ئالماقچى بولسىڭىز، پۇل چىقىرىشنى خالىماي بىر يانغا چىقىپ تۇرىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال بولسا، ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئويلىنىپ بېقىشىڭىز، زۈرۈر بولغاندا ئۇنى ياخشى كۆزىتىپ بېقىشىڭىز لازىم بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەر كىشىنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا سىزنىڭمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
سىزگە ۋاقىراپ-جاقىراپ ئاچچىقلانمايدۇ
    سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشى، سىز بىلەن بىرگە بولغاندا، ناھايىتى مۇلايىم بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ، ئاسان ئاچچىقلىنىپ قالمايدۇ، سىزگە ۋاقىراپ-جاقىرايدىغان ئىشلار تېخىمۇ بولمايدۇ. سىلەر مۇھەببەتلىشۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرلۇقتا بەزىبىر زىددىيەتلەر ياكى تۇقۇنۇشلار كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن سىزگە داۋلى سۆزلەيدۇ. بۇنىڭ ئۆزى بىر خىل ساپا ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
    شۇڭلاشقا، ئاياللار بۇ نوقتىنىمۇ ئىسىدىن چىقارماسلىقى كىرەك. ئەگەر بىر ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىدە سىزنىڭ ئورنىڭىزدا تۇرۇپ ئويلايدۇ، سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ، سىزنى چۈشىنىدۇ ۋە قوللايدۇ.
    بىراق، ئەگەر بىر ئەركىشى سىزنى كۆڭلىنىڭ قېتىغا ئېلىپمۇ قويمىسا، ئۇنداقتا، سىزنىڭ نىمە قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، ئۇ سىزنى قوللىمايدۇ، ھەتتا قارشى تۇرۇش پوزۇتسىيەسىدە بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号