ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قوينىڭ قايسى يەرلىرىنىڭ گۆشى ئەڭ تەملىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قوي گۆشىگە ئامراق كىشىلەر، نېمىشقا ئۆزىنى توتۇۋالالماي بىر ئۆمۈر قوي گۆشى يىيىشكە ئامراق بولۇپ ئۆتىدۇ؟ چۈنكى، قوي گۆشى تەملىك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى. سىز بەلكىم بىلىسىز ياكى بىلمەيسىز، قوي گۆشىنىڭ زادى قايسى يىرىنىڭ گۆشى ئەڭ تەملىك كېلىدۇ؟
قوۋۇرغا گۆش
   قوۋۇرغا گۆش، قوينىڭ ئاستى دۈمبە قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، دۈمبە قىسىمنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر قاتار قوۋۇرغا بار. قوينىڭ قوۋۇرغا گۆشى ماي بىلەن ئۇرۇق گۆش ئارىلىشىپ كەلگەن بولۇپ، شورپا قايناتساقمۇ، قورىما قورىساقمۇ، ۋە ياكى كاۋاپ قىلساقمۇ ئوخشاشلا تەملىك چىقىدۇ. ئادەتتە چوڭ تاماقخانىلاردىمۇ، قوينىڭ قوۋۇرغا گۆشىدە قوۋۇرغا كاۋاپ، شورپا قاتارلىقلارنى تەييارلايدۇ.
بەل ئومۇرتقا گۆشى
   بەل ئومۇرتقا گۆشى، قوينىڭ دۈمبە قىسىمدىكى بىر بوغۇم بىر بوغۇم كەلگەن سۆڭەكلىك گۆشى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە شەكلى چايانغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، بەزىلەر قوي چايىنى(羊蝎子) دەپمۇ ئاتىۋالىدۇ. بەل ئومۇرتقا سۆڭەكتە گۆش نىسبەتەن ئاز، ئەمما ئىنتايىن يۇمران، شۇڭا خوگو قازىنىدا پىشۇرۇپ يىسە ئىنتايىن تەملىك بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئادەتتە يەنە، زىخ كاۋاپ پىشۇرۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
بويۇن گۆش
   قوينىڭ بوينىدا بوغۇملار بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوغۇملار بىر-بىرىگە مەھكەم كىرىشىپ كەتكەن، شۇڭا بويۇن گۆشنى يىيىشقا كۆپرەك ئىش كېتىدۇ، پاكىزە يەۋىتىشمۇ تەسكە توختايدۇ. لېكىن، بويۇن گۆش ھەقىقەتەن بەك يۇمران، يىيىشلىك بولۇپ، قوينىڭ ئادەمگە ئەڭ پايدا قىلىدىغان قىسىملىرىنىڭ بىرىدۇر.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، قوينىڭ بويۇن گۆشى ھەرىكەتچان گۆش بولۇپ، قوينىڭ بوينى ھەر ۋاقىت ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بويۇن گۆشتە ئاساسەن ماي يوق، ھەممىسى قارا گۆش چىقىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号