ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى مۇھىم ئامىل پاكىزىلىق بولۇپ، پاكىزىلىقنى ساقلاشتىكى بىرىنچى مۇھىم ئامىل بولسا قول يۇيۇشقا ئادەتلىنىشتۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايتىقىلى بولىدىكەن. يەنە باشقا تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى قولىنى ھەركۈنى سوپۇن بىلەن بەش قېتىمدىن ئارتۇق يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ نىسبىتى ئاران %25 ئىكەن؛ تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، قولىنى توغرا ئۇسۇلدا يۇيىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %4كىمۇ يەتمەيدىكەن. ئۇنداقتا، سىز قول يۇيۇشنى راستىنلا بىلەمسىز؟
قولنى يۇمىسا بولمايدىغان ئون خىل ئەھۋال
   ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىنىڭ قارىشىچە، تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك ئەھۋال ئاستىدا، قولىمىزنى چوقۇم ئەستايىدىل يۇيىشىمىز كېرەك ئىكەن.
   1. تاماق يىيىشنىڭ ئالدى كەينىدە ۋە ھاجەتكە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدى كەينىدە؛
   2. بوۋاقنى ئۇزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئالدىدا ۋە بوۋاقنىڭ تەرىتىنى پاكىزلاپ بولغاندىن كىيىن؛
   3. ئۆي سىرتىدا پائالىيەت قىلغاندىن كېيىن؛
   4. تاللا بازىرى ياكى سودا-سارايغا بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندىن كېيىن؛
   5. قان، ياش، ماڭقا قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن؛
   6. تازىلىق قىلغاندىن كېيىن؛
   7. دورا ئىچىش ياكى دورا سۈرۈشنىڭ ئالدىدا؛
   8. پۇل تۇتقاندىن كېيىن؛
   9. يۇشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاشنىڭ ئالدىدا؛
   10. كومپىيوتىر ۋە مائۇس ئىشلەتكەندىن كېيىن.
قولنى توغرا يۇيۇشتىكى يەتتە قەدەملىك ئۇسۇل
   بىرىنچى قەدەمدە، ئاۋۋال ئالقانغا سۇ ئېقىتىپ قولىمىزنى پۈتۈن ھۆل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قولغا سوپۇن سۇۋاپ، ئىككى قولنىڭ ئالقىنىنى بىر-بىرىگە سۇۋاپ يۇيۇش؛
   ئىككىنچى قەدەمدە، قولنىڭ دۈمبىسىنى ۋە دۈمبە قىسىم بارماق ئارىلىقلىرىنى يۇيۇش، قولنىڭ ئالقىنى بىلەن قولنىڭ دۈمبە قىسىمنى يۇيۇش؛
   ئۈچىنچى قەدەمدە، بارماقنىڭ ئالقان يۈزىدىكى ئارىلىقلىرىنى يۇيۇش، ئىككى قولنىڭ ئالقانلىرىنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ، بارماقلارنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇش؛
   تۆتىنچى قەدەمدە، مۇشتىمىزنى يېرىم تۈگۈپ، قولنىڭ دۈمبە قىسمىنى يەنە بىر ئالقانغا سۈركەپ يۇيۇش؛
   بەشىنچى قەدەمدە، باش بارماقنى يۇيۇش، بىر قولىمىزنىڭ ئالقىنىدا يەنە بىر قولىمىزنىڭ باش بارمىقىنى تۇتۇپ، ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇش؛
   ئالتىنچى قەدەمدە، بارماق ئۇچىنى يۇيۇش؛
   يەتتىنچى قەدەمدە، قول بېغىشى ۋە بىلەكنى يۇيۇش.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号