ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاغامچىنى قانداق سەكرىگەندە ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەدەندىكى ياغلارنى يوقىتىپ ئۇرۇقلاشتىكى ھەرىكەتلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارغامچا سەكرەش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ھەرىكەت تۈرىنىڭ بىرى. چۈنكى، يۈگرەش، تىز سۈرئەتتە مېڭىش قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئارغامچا سەكرەشكە كېتىدىغان ۋاقىت نىسبەتەن قىسقا، بەدەندىكى ياغلارنى كۆيدۈرۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئارغامچا سەكرەش ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، پەقەت بىر پارچە بوشلۇق بولسىلا، چېنىقىش قىلغىلى بولىدۇ.
   ئارغامچا سەكرەش، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بىر خىل ھەرىكەت تۈرى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار توپىنىڭ ھەممىنى ھەرىكەتكە قاتناشتۇرىدۇ. ئارغامچا سەكرەش جەريانىدا، بىلەك، مۈرە، بەل، پۇ قاتارلىق قىسىملار ئورتاق ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق، ئاندىن بۇ بىر ھەرىكەت تۈرىنى ئورۇنلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ بەدەندىكى ياغلارنى كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، بولۇپمۇ بىلەك ۋە يوتا قىسىمنى ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك.
   بەلكىم سىزمۇ مۇنداق بىر خىل قاراشنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن: ئون مىنۇت ئارغامچا سەكرەش، يېرىم سائەت ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر. بۇ خىل قاراش گەرچە ھەقىقىي ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بار؛ ئۇ بولسىمۇ، ئارغامچىنى ھەر مىنۇتتا 140 قېتىملىق سۈرئەتتە سەكرەش، بۇنىڭدا ئاندىن ئاستا يۈگۈرگەندىكى ياغ كۆيدۈرۈش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكىلى بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە قارىتا، بۇ خىل تىزلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرماق ئىنتايىن تەس.
   ئۇنداقتا، ئارغامچىنى ھەركۈنى قانچىلىك ۋاقىت سەكرىگەندە، ئاندىن بەدەندىكى ماينى كۆيدۈرۈپ ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
   تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى 3000قېتىمدىن ئارتۇق سەكرەشنى داۋاملاشتۇرالىغان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇقلاش ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك، ئۇرۇقلاش سۈرئىتى ئەڭ تىز بولىدىكەن. ئارغامچىنى ھەر بىر قېتىم سەكرىگەندە، بەدەندە خورايدىغان ئېنىرگىيە مىقدارى 0.3كىلوكالورىيە بولۇپ، ئادەتتە نورمال كىشىلەرنىڭ سەكرەش سۈرئىتى، ھەر مىنۇتتا 120 قېتىم بولىدۇ، يەنى، ھەر مىنۇتتا 36كىلو كالورىيە ئېنىرگىيە سەرپ قىلىپ خورىتىشقا بولىدۇ؛ بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، يېرىم سائەت ئارغامچا سەكرەپ بەرسەك، 1080كىلو كالورىيە ئېنىرگىيە سەرپ قىلىپ خورىتىشقا بولىدۇ.
   ئەمدى بەدەندىكى ياغنى كۆيدۈرۈشكە كەلسەك، بىر كىلوگىرام ياغنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن، 7700كىلو كالورىيە ئەتراپىدا ئېنىرگىيەنى خورىتىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بۇنى سەرپ قىلىپ خورىتىش، ئادەتتە سەكرەش تېزلىكى، ۋاقىت، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق ئامىللار تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دېمەك، سەكرىگەن ۋاقىت قانچە ئۇزۇن، سەكرەش سۈرئىتى قانچە تىز، بەدەن ئېغىرلىقى قانچە ئېغىر بولسا، بەدەندىكى ياغنىڭ خوراش سۈرئىتى شۇنچە تىز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردە يەنە بىر ئامىل مەۋجۇت؛ ئۇ بولسىمۇ، خوراش جەريانىدا سەرپ قىلىنىدىغان ماددا ياغلا بولۇپ قالماي، يەنە قەنت تەركىبىمۇ بار، خوراش جەريانىدا پەقەت %60 ئەتراپىدىكى ياغلارلا كۆيۈپ خورايدۇ. دېمەك، بىز يېرىم سائەت توختىماي ئارغامچا سەكرىسەك، بەدەندىكى كۈيۈپ خورايدىغان ئېنىرگىيە مىقدارى، ئەمەلىيەتتە 648كىلو كالورىيە بولىدۇ.
   بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بەدەندىكى بىر كىلوگىرام ياغ تەركىبىنى كۆيدۈرۈشكە لازىم بولىدىغان 7700كىلو كالورىيە ئېنىرگىيە خورىتىش ئۈچۈن، 11.9سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر ھەركۈنى يېرىم سائەت سەكرەش بويىچە ھېسابلىغاندا، 12كۈن ئۇدا سەكرىگەندە، ئاندىن بەدەندىكى بىر كىلوگىرام ياغنى كۆيدۈرۈپ خورىتىشقا بولىدۇ. بىراق، بۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتقىلى بولمايدۇ، بۇ پەقەت بىر خىل سانلىق مەلۇماتلار ئانالىزىلا خالاس. ئادەمنىڭ بەدىنى ئىنتايىن نازۇك بىر سىستېما بولۇپ، ئىنتايىن مۇرەككەپ كېلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، ھەرىكەتلىنىش بىلەن ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى بىرلەشتۈرگەندە ھەمدە ھەرىكەتلىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن بەدەندىكى ياغلارنى كۆيدۈرۈپ ئۇرۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号